باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئابدۇكېرىم ئابلىز رۇبائىيلىرى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-09-14 02:34:12

‹‹ئابدۇكېرىم ئابلىز رۇبائىيلىرى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !


يۇرتۋازلىق، خوتۇنبازلىق ئايلانغاندا ئىللەتكە،
ساپاسىزلىق، خۇراپاتلىق چاپلاشقاندا مىللەتكە،
شەرمىي ھايا، پەدىشەپ قايرىلغاندا بىر چەتكە،
سىلكىمىسەڭ كاللىنى ماڭماسمىزمۇ غەپلەتكە.


مەن ئۇيغۇرمەن، بوۋاممۇ ھەم ئۇيغۇر ئەسلىدىن،
سۇلتان سۇتۇق ئەۋلادىمەن، خانلار نەسلىدىن.
خانتەڭرىدەك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمەن مەغرۇر،
نەسلىم ئېسىل، پەرقلىقمەن ناكەس پەسلىدىن.

بىرلىشەلمەي چېچىلغان قۇمنى بوران خار قىلۇر،
ھەر تەرەپكە ئۇچۇرۇپ دەشتى چۆلگە يار قىلۇر.
گەر جەم بولسا بىر يەرگە قۇمتاغ بولۇپ بەھەيۋەت،
ھۆكىرەپ كەلگەن قۇيۇننىڭ ھەيۋىسىنى يەر قىلۇر.

كۈن چىقتى كۈن پاتتى بىر كۈن قېرىدۇق،
ھاياتلىق ئېتىزىغا نېمىلەر تېرىدۇق؟
ئويلاپ باق دوپپاڭنى ئەپ قويۇپ يەرگە،
ئەسلى بىز كىملەرنىڭ نەسلىدىن ئىدۇق.

بوۋىلار بۇرۇنلا دەپتىكەن شۇنداق،
نادانلار شەھرىدە ئالىم ئەڭ غېرىب.
قەدرىگە يەتمىسەڭ دانالىرىڭنىڭ،
تۈگەيسەن مۇز كەبى، غەپلەتتە ئېرىپ.

قۇسۇر تاپماي بۇغداي- ساماندىن،
ئىۋەن تاپماي ياڭاق- بادامدىن.
ئىناق ئۆتسەك گۇناھ بولارمۇ،
ئۇيۇلتاشتەك كەتسەك جاھاندىن.

ئاغرىنىپ ئېيتىسەن «دۇنيا بىۋاپا»،
ئېيت، دۇنيا قىلدىكىن ساڭا نە گۇناھ؟
قىپ بولۇپ جىمىكى گۇناھنى ئۆزۈڭ،
ئاغرىنساڭ دۇنيادىن بولارمۇ راۋاھ؟

قولۇڭنى كەڭ سۇنساڭ موھتاج-يوقسۇلغا،
ئاللاھ ھەم ھەسسىلەپ ساۋاب بېرىدۇ.
كىشىنىڭ رىسقىدا سەمرىسەڭ ئەگەر،
سەن كەتسەڭ ئەۋلادىڭ جاۋاب بېرىدۇ.




مەنبە:ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ شىنلاڭ بىلوگىدىن ئېلىندى


بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2