قۇياش سۆزى
ئەنۋەر سىيىت
ھەۋەسلىنىپ گۈزەل كۆككە قاراپ،
دەپتۇ شۇنداق قۇياشقا جىلمىيىپ:-
ئۇزلۇق سەتھىدە قايسمىز بەك ئۇز،
نۇرانىلىقتا سەنچە مەن قانداق؟».
يېرىپ ئېغىز قۇياشمۇ كەمتەر شۇئان ،
قىز سۆزىگە نەق، بەكلا دەرگۇمان.
«سەن زېمننىڭ ئۇزلۇقى ھەم نۇرى،
شۇ سەۋەب ئۆزۈم ئۇندا يوق ھامان.»
توسۇپ قۇياش سۆزىنى ئالدىراپ،
دېدىكى قىز ئۇيالماستىن بىلجىرلاپ.
«نېچۈن ئەمسە يۈرۈيدۇ كىشلەر،
مېنى ئەمەس ،ئاھ،سېنىلا يادلاپ؟».
تېنىپ ئېغىر، چورت كېسپلا قۇياش،
«ئالەمگە يورۇق،كۆكتە نۇرانە.
بىرلا مەن ئالەمگە ،لېكىن،سەنچە-
تۈمەنمىڭ«گۈزەل»مەندە كۈل،پارە.
ئۇيقۇ بۇزۇش ئارگىنالى
كېچە، كېچە ئەمەس مۇھەببەتكە،
مۇھەببەتكە چۈشكەنلەرگە ئەزەلدىن.
ئەزەلدىن دېيىش مۇمكىندۇر يەنە،
يەنە سۆيگۈ پۇرىسا غەزەلدىن.
غەزەلدىن دەرد چىقمايدۇ، لېكىن،
لېكىن سېغىنىش بولىدۇ ۋاقىتسىز.
ۋاقىتسىز سوراققا قالار يۈرەك،
يۈرەك تەكتىدە بولغاچقا قىز.
قىز-خۇمار كۆز، يېقىملىق ھەم،
ھەم مېھرى-ئوت جانان ماڭا.
ماڭا ئارتۇقى ئارتۇق ئۇنىڭدىن،
ئۇنىڭدىن كېلەر چۈنكى ۋاپا.
ۋاپا-مەن ئۈگەنگەن يېڭى دەرس،
دەرس دەيمىز:سۆيگۈ-ساداقەتنى.
ساداقەت ئۆرتىگەچ جاننى بۇ كېچە،
كېچە دىمەي ئىزلەيمەن جاناننى.
شېئىر قەلئەسى
شېئىر قەلئەسىدە ياشىماق بەلكىم،
تىغ-قېلىچ بېسىدا ماڭماققا قىياس.
ساداقەت بەرگىدەك شائىر يۈرىكى،
ھىجراننىڭ ئوت ۋە چوغلىرىغا تەققاس.
مېسرادا ياتقىنى ئىلاھىي سۆيگۈ،
كۇپلىتلاردا سوئالدۇر ئالەم سىرى.
نېسىدۇر شائىرغا ھەر يۈرەكتىكى-
ئىسانىي سۆيگۈنىڭ ئوتلۇق مېھىرى.
پۇرايدۇ قەلەمدىن گۇپۇلدەپ ھامان،
ئۇز ھاياتنىڭ،ئۈمىدنىڭ قانۇ-قېنى.
لىلا بىر ئېغىز گەپ،شېئىر ئۆزىلا-
كى شائىرنىڭ ۋىجدانى،جانۇ-جېنى.