زوردۇن ئىمىر
قەلبىمىز زوق – ھاياجانغا تولىدۇ،
خاسىيەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
ھېسلار ئۇرغۇپ ئىلھام قىيان بولىدۇ،
شىجائەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
تەندە قانلار ئۆركەشلەپ لەڭ ئۇرىدۇ،
ھارارەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
جىلۋە ئەيلەپ چېھرىمىز خۇش كۈلىدۇ،
نازاكەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
دولقۇنلاردا ئارمانلار شوخ ئۈزىدۇ،
قانائەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
قايناملاردىن غەۋۋاسلار زەر سۈزىدۇ،
بەرىكەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
چوققىلاردا چوغلۇقلار بىخ سۈرىدۇ،
كامالەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
پەللىلەردە پەرىلەر قول سۇنىدۇ،
مۇھەببەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
بۇلبۇل – قۇشلار شېخىمىزغا قونىدۇ،
ساداقەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
ئىزىمىزدىن لالە – رەيھان ئۈنىدۇ،
پاساھەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
شاد كۆڭلىمىز تاڭ نۇرىغا چۆمىدۇ،
پاراسەتلىك ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
قەلىمىمىز ئەشئارغا قول سوزىدۇ،
مول ھوسۇللۇق ئاتمىش يىلنى ئەسلىسەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/12/content_459930.htm