ئارزۇگۈل ھۈسەن خالەم
چېچەك ئاچسا تاتلىق ھاياجان،
چىللاپ كېلەر جىگدە پۇرىقى.
تۇنجى سۆزنى پىچىرلىغانتىڭ،
كۈلدى يۇلتۇز، بىزدە قۇلىقى.
شۇندىن بېرى يىرتىلدى پۈتۈن،
ھىجرانىمنىڭ كونا كىيىمى.
سۆيۈپ قويدى بوستان چېچىمغا،
سەن ئەكەلگەن جىگدە يېلىمى.
مەي بولغاندا ئالتۇن رەڭ جىگدە،
كۆڭلىكىمنىڭ توشتى ئېتىكى.
بىر ياستۇقتا مېۋىلەپ سۆيگۈ،
ئاشىقىمنىڭ سوقتى يۈرىكى.
ۋىلىق – ۋىلىق كۈلدى بوۋىقىم،
ئۆرۈلگەندە يىلنىڭ ۋارىقى.
تالاي جۈپنى باغرىغا ئالغان،
‹‹جىگدە›› ئاتلىق سۆيگۈ دەرىخى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461261.htm