روزى سوپى ئۇچتېكىن
دادا بولۇپ مەنمۇ بىر ئۆي ئالغاندا،
قۇرۇق يانچۇقلىرىڭنى ئىشارە قىلىپ
ھېچنېمە بېرەلمىدىم دېدىڭسەن دادا.
مەيۈسلەنمەي، بېشىڭنى تىك تۇت
قىلغانسەن چۈنكى
ئاتىلىق بۇرچۇڭنى ئەڭ ياخشى ئادا!
ئۇنۇتقان بولساڭ ساناپ بېرەي مەن،
بۇلبۇل بولۇپ سايراپ بېرەي مەن.
كاتەكتەك ئۆيدە تەنلىرىم قىسىلسا
چوڭ ئۆيدە كىيىكتەك يايراپ بېرەي مەن.
بوۋامدىن قالغان ئېگىرىڭنى بەردىڭ
ئېتىڭ بولمىسىمۇ ئېگەرلىك بول دەپ.
مېھىرىڭ بىلەن جىگىرىڭنى بەردىڭ
جۈرئىتىڭ بولمىسىمۇ جىگەرلىك بول دەپ.
يەنە
يۈرىكىڭنى بەردىڭ يۈرەكلىك بول دەپ،
روھىڭنى بەردىڭ يۆلەكلىك بول دەپ...
مۇشۇلارنىڭ ئالدىدا دادا
ئارتۇق بولسۇنمۇ پۇل، ئالتۇن، سەدەب؟!
سېنىڭ ماڭا بەرگەنلىرىڭ كۆپ
مېنىڭ سەندىن ئالغانلىرىمدەك.
سېنى ۋاقتى – ۋاقتىدا يوقلاپ بارالمىغاندا
تېلېفوندا ئېيتقان يالغانلىرىمدەك.
تۇرمۇشنىڭ تۈگىمەس دىشۋارچىلىقىدا
چارە – ئامالسىز قالغانلىرىمدەك.
ئەي، سۆيۈملۈك بۇزرۇكۋار – پەدەر،
سەن بىر ماياكسەن ھايات يولۇمدا
يۇرۇتقان ئىچىمدىن – تېشىمغا قەدەر.
سەن ماڭا ئەر بولۇشنى ئۆگەتكەن ئەر،
ماڭلىيىڭدىن ئاققۇزۇپ ساپ تەر.
سېنىڭ ئېتىزىڭ توققۇز مو يەر
مېنىڭ ئېتىزىم بىر شېئىر دەپتەر
شېئىر يازغانلىرىمدىن پەخىرلىنىسەن
بەلكى ئۇنىڭدىن چوڭراق ئىش قىلساممۇ
مەن سېنىڭ ئالدىڭدا كىچىك بىر پەنەر
سەن بولغاچقا باي سانايمەن ئۆزۈمنى،
تاقلاپ يۈرگەن تاي سانايمەن ئۆزۈمنى.
سېنى خىجالەتتە قويغان ئاشۇ ئۆيدە ئولتۇرۇپ
ئېيتماقتىمەن دادا ساڭا يۈرەك سۆزۈمنى.
بەرگەنلىرىڭنى كۆرمەي قالسام ھەر قاچان
رازىمەن، تەقدىر ئويۇپ ئالسا كۆزۈمنى.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461254.htm