باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئاياللار ئۇلغايتتى دۇنيادا سۆيگۈ

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2016-03-13 21:51:47

‹‹ئاياللار ئۇلغايتتى دۇنيادا سۆيگۈ›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئاياللار ئۇلغايتتى دۇنيادا سۆيگۈ،

ئىللىتىپ مېھرىدە زىمىستاننىمۇ.

ئايالسىز تۇتىدۇ يازدىمۇ شۈرمەل،

تەبىئەت ئەۋەتكەن گۈلىستاننىمۇ.

 

بويىدىن تارايدۇ قىزىلگۈل ھىدى،

چاچقىنى جاھانغا ئىپارۇ - ئەنبەر.

باسقانكى ئىزىدىن تۆكۈلەر مىڭ زەر،

چاقنايدۇ تەرىدىن بولۇپ ئۇ مەرمەر.

 

بېغىشلاش ئۇنىڭكى مۇرادى، بەختى،

كۈتمەيدۇ ھېچكىمدىن پاراغەت، بايلىق.

يۈرىكى تويۇنغان قانائەت بىلەن،

ياغسىمۇ ئۆيىدىن نانسىز گادايلىق.

 

كۈن پاتسا كېچىگە بولۇپ ئۇ قۇياش،

تاڭ ئاتسا يەردە بىر، كۆكتە بىر قۇياش.

سائادەت ئىزدەيدۇ ساداقەت بىلەن،

قۇۋلۇقتىن ئۇندا يوق كۆزۈڭنى بوياش.

 

تارايدۇ ئۆيىدىن باھارنىڭ ھىدى،

قىشتىمۇ قىستۇرار ئەر زاتىغا گۈل.

بېھىشتەك باغلارمۇ ئايالسىز سۇلغۇن،

ئۇنىڭسىز دەۋرىيدۇ ئەخلەت بىلەن كۈل.

 

يۈزلەنمەس سىرتلارغا ئىزدەپ پاراغەت،

ئەھدىسى: سالماسلىق سۆيگۈگە جاپا.

شوئارى بىر ئۆمۈر نىجاتلىق كۈيى،

پۈككىنى دىلىغا ئۆمۈرلۈك ۋاپا.

 

ئايالسىز جاھاننىڭ كەمدۇر خۇرۇچى،

ھەم يەنە تولمايدۇ توققۇزى ئۆينىڭ.

ئايالسىز سۇ ئىچمەس ئەركەكلەر كۆڭلى،

ھەم مۇڭى بولمايدۇ ئايالسىز كۈينىڭ.

 

سارغىيار گۈل پەسلى ئارمانلار يۈدۈپ،

دەردىگە قىلمايدۇ ھېچكىمنى شېرىك.

تائاملار بېشىدا ئەسلا يوق رىزقى،

ۋايسىماس يېسىمۇ كەينىدە يىرىك.

 

ئۇلار بار بولمىدۇق ئايلغا ھەم ھاجەت،

ئاي تۇرسا ئاسماندىن يەرگە سۆكۈلگەن.

پەرزەنتلەر تىزىلغان مارجاندۇر گويا،

ئايال بار بولمايدۇ يىپتىن تۆكۈلگەن.

 

باھاردەك، باغلاردەك ھۆسنى - جامالى،

قىلاتتى ئەسلىدە ئاينىمۇ خىجىل.

خوراشلار ئىلكىدە تىكلىدى مۇنار،

ئەر بىلەن قول تۇتۇپ، بولۇپ ھەم ئىجىل

ئەسلى مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى 



بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2