تەڭرىتاغ
ئەنۋەر سىيىت
ئاقسام تارىمدەك ساداقەت ئۆركىشىدە ،
مۇھەببەتلىك باغرىڭغا قانماي تەڭرىتاغ.
كۆك بەھرىدە چاقىنغان ئىلاھىي نۇردەك ،
قۇت ياغقان چېھىرىڭگە بولۇپ مەسىت،مۇشتاغ.
شەمشادىڭ تېنىدە كۈلگەن چوغ يوپۇرماق،
سۆيگۈ ئىشقىمغا ئوت ياقار ھەر تاڭدا مىڭ.
تەڭرىتاغ،تەڭرىتاغ...تەڭرى بەرگەن جەننەت،
تاش-توپا،سۇ-گىياھ ...ھەممە گۆھەر سېنىڭ.
تاڭدا-گۈلگۈن ئاي،مېھىرىڭدىن لەزىز قۇياش ..
پاتار ئۈزۈلمەستىن رىشتىنى ھەر ئاخشام.
ئەي،تەڭرىتاغ! گۈل كۆرۈنەر چەكسىز باغرىڭ ،
يۈرىكىم روجەكلىرىدىن ساڭا باقسام.