باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

باشقىچە

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:14:21

‹‹باشقىچە›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئابلىكىم ھاجىيوف

سەيلىگە چىقسام بۈگۈن كۈزنىڭ ھاۋاسى باشقىچە،

قانغىچە ئالدىم نەپەس تەنگە داۋاسى باشقىچە.

كوچىلار پاكىز – تازا گۈل كەشتە گويا ھەممە ياق،

گۈلگە مەپتۇن ئاشىقۇ بۇلبۇل ناۋاسى باشقىچە.

 

ھەر تەرەپتىن ئاڭلىنار شادلىققا تولغان ناخشا – كۈي،

دىلغا زوق، ئىلھام بېرەر ئۇسسۇل – ساماسى باشقىچە.

ئىتتىپاقلىق گۈللىرى ئاچقاچ چىرايلىق – ئۇز پورەك،

جىلۋىسى، نازى، خۇماسى، مېھرۇ ۋاپاسى باشقىچە.

 

قارىساڭ ئالىپتە قىزلار چوغ سۈپەتتۇر چوغ سۈپەت،

ئاي سۈپەتلىك قوشۇلۇپ ھۆسنى – سېماسى باشقىچە.

تۇرمۇشى ئەلنىڭ باياشات غېمى يوق ھېچ ئەتىدىن،

بىر – بىرىگە مېھرىبان سۆيگۈ ساداسى باشقىچە.

 

رەستىلەر ئاۋات – توشۇق يۇلتۇز مىسالى مال تۈرى

سەيلىگەرنىڭ سەيلىدە بايان – باھاسى باشقىچە.

تويچى قىزدەك جابدۇنۇپ ‹‹قوش توي››غا جور شەھىرىم بۈگۈن،

ئۇشبۇ ‹‹قوش توي›› ئەھلىنىڭ سالغان ساماسى باشقىچە.

ۋەتىنىم

تەلئەت جېلىلھۆسنى گۈلگە سىن بەرگەن دىيارىمسەن ۋەتىنىم،

مېھرى چۆلگە گۈل تەرگەن باھارىمسەن ۋەتىنىم.

ھاياتىمغا جان بەرگەن، جانلىرىمغا قان بەرگەن،

ئۇرغۇپ تۇرغان كۈچ – قۇۋۋەت، مادارىمسەن ۋەتىنىم.

 

يىلتىزلىرى مۇستەھكەم، ياپراقلىرى مەزمۇت ھەم،

ھۆر بەختىمنىڭ تۈۋرىكى چىنارىمسەن ۋەتىنىم.

چىن ئىتىقاد، ئەقىدە، ئىخلاس بىلەن پۈتۈلگەن،

خاسىيەتلىك، خىسلەتلىك تۇمارىمسەن ۋەتىنىم.

 

قوزغاپ دىلدا ئىپتىخار كۆككە قاراپ بوي سوزغان

يىقىلماسقا ئۇلى چىڭ مۇنارىمسەن ۋەتىنىم.مەن تەييار

توختىزۇنۇن ئوسمانبۇيرۇ ۋەتەن ئات – تۇلپار سېلىشلارغا مەن تەييار،

بەيگىلەردە مەنزىلگە چېپىشلارغا مەن تەييار.

 

سورۇن تۈزۈپ سەيناغا دۇتار – تەمبۇر سازلىساڭ،

ناخۇل بولۇپ تارىڭغا چېلىشلارغا مەن تەييار.

تەڭكەش قىلىپ شوخ سازغا ئەل سەكرىسە مەيدانغا

ئۇسسۇل چىقسا ئەۋجىگە ئالقىشلارغا مەن تەييار.

 

سورۇن ئەھلى قى – چۇدا ئۈندەپ قالسا ناخشىغا،

جۇشقۇن، روھلۇق ناخشامنى ئېيتىشلارغا مەن تەييار.

قۇچىقىڭنى كەڭ ئاچساڭ باغىر ياقسام باغرىڭغا

ھىدىڭ ھىدلاپ مىڭ مەرتەم سۆيۈشلەرگە مەن تەييار.

 

ئەل سۆيگۈسى ئالدىدا مېنىڭ سۆيگۈم تامچىدۇر،

تامچە بولۇپ قەلبىڭگە تېمىشلارغا مەن تەييار.

سۆيگۈڭ ئورمان سولمايدۇ، سولۇپ قالسا بىر گىياھ

شۇ گىياھقا زەمزەم سۇ قۇيۇشلارغا مەن تەييار.

ئەسسالام

ئۈمىدجان قادىرى

ئەسسالام يۇرت، ئەھلى توي، ئەھلى جامائەت ئەسسالام،

ئىنتىزار بولغان كۈتۈپ دىدار غەنىمەت ئەسسالام.

ئەستىلىكلەر ھۇجرىسى بۇدەم گۈلگە لىق تولغان،

تۈزۈلۈپ كەچمىش ئارا ئەشئارۇ سۆھبەت ئەسسالام.

 

ئەۋجىگە چىقسۇن مۇقام، ئالەمنى ھەيرەتتە قويۇپ،

راسلىسۇن ئۆركەش قىيان دىلدا مۇھەببەت ئەسسالام.

بىر دىدار ئارتۇق ھامان ئون مىڭچە مەكتۇپ ۋەزنىدىن،

كۆز قىلار ئەينەن بايان دىلنى، ساداقەت ئەسسالام.

 

ئەي ئۈمىدجان بەك زۆرۈر قەدرىن بۈگۈننىڭ بىلمىكىڭ،

زارىقىپ كۈتكەن بۇ پەيت دىدارغا پۇرسەت ئەسسالام.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461253.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2