باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

ئېتىز

مەنبە :       يوللىغۇچى : baxlan       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:13:44

‹‹ئېتىز›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

(مۇخەممەس)

ئىمىنجان كېرىم ئاقشەھىرى

جان ئېتىز، جانان ئېتىز، مېھنەتكە كۆپ ئىمكان ئېتىز،

گۈل ئېتىز، گۈلشەن ئېتىز ھەم ھېرىس ئىنسان ئېتىز،

مەئىشەدنىڭ قوينى – كانى، مېھرى كەڭ ئوكيان ئېتىز،

ھەر يۈرەك ياشناپ ھاياتلىق يايرىغان، قانغان ئېتىز،

خۇش ئېتىز، خۇشۋاق ئېتىز، خىسلەتلىرى جەۋلان ئېتىز.

يەر – ئېتىزسىز ھېچ كىشىنىڭ ئۆمرى خوۋلۇق كۆرمىگەن،

ئەيلىگەچ جەڭگاھ ئېتىزنى بارچە دېھقان گۈللىگەن،

چىن ھالال ئەمگەكلىرىدە قانچە ئىشچان كۆكلىگەن،

تەر – ئەجىر مۈشكۈللىرىدە ئىشتا پىشقان، ئۆرلىگەن،

بارچە مېھنەت ئەھلىگە باغرىنى كەڭ ئاچقان ئېتىز.

يەر – ئېتىز بار، بار تىرىكلىك ئالىمىنىڭ تۈۋرۈكى،

يەر – ئېتىز دەپ چۆلنى بوستان قىلدى ئىنسان ئەمگىكى،

يەر – ئېتىز بار، بار مادار – كۈچ ھەم سۆڭەكنىڭ يىلىكى،

يەر – ئېتىز بار ياشنىدى شادلىقتا ئىنسان يۈرىكى،

ئەلگە نەپ، ئاش – نان بېرىپ دىللارغا ئوت ياققان ئېتىز.

شۇ ئېتىز قۇدرەتلىرىدە توققۇزۇم كۆپ بولدى تەل،

شۇ ئېتىز خىسلەتلىرىدە قۇت – تىلەكلەر بولدى ھەل،

شۇ ئېتىز بويلاپ پاراغەت ۋەسلىگە يەتتىمغۇ دەل،

رازى مەن مۈشكۈللىرىدە تۆلىسەم قانچە بەدەل،

ھەر مۇشەققەت پېچلىرىدا بىلىكىم پىشقان ئېتىز.

كىم ئېتىزنىڭ قەدرىگە گەر يەتسە باسماس زەررە غەم،

كىم ھالاللاپ ئىشلىسە چىڭ، كىرپىكى بولمايدۇ نەم،

تەر – ئەجىر، مېھنەت بىلەن بار ئاش – نېنىدا تۇزۇتەم،

ياشنىغايسەن، گۈللىگەيسەن شۇ ئېتىزدا سەنمۇ ھەم،

ئەلمىساقتىن ھارمىغان كەتمەن چېپىپ دېھقان، ئېتىز.

شۇ ئېتىز ئىز – بەختىمىزنى گۈل – چېچەككە پۈركىگەن،

شۇ ئېتىز نامرات، نادانلىق ھاڭلىرىنى تۈزلىگەن،

كەتمىنى ئويغاق – تېرەن نۇسرەت – روناقنى كۆزلىگەن،

تاڭ – باھاردا زوقلىنىپ بۇلبۇلمۇ خەندان كۈيلىگەن،

تۇپرىقى ئىجاد – قەلەمنىڭ پۈتتى كۆپ داستان، ئېتىز.

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-11/02/content_469459.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2