پەرىدە ئىسمائىل مېھرى
قىروۋ چۈشتى ساچى لېۋەنگە،
كۆز گىرۋىكى نازۇك ئېقىن – يول.
چوڭقۇر نەزەر، ئېغىر تەبەسسۇم،
بەرگەن ئاڭا كەم سۆزلۈك غول – غول...
ھەر دىدارنىڭ پەيتى غەنىيمەت،
بىر نەپەسنىڭ ۋەسلىدە جەننەت.
قىرىق سىزىق، ئېھ، قىرىق سىزىق
يىللار بەرگەن قىسمەتتۇر، قىسمەت...
قىسمەتلەرنىڭ گاھىسى راستەك
تۇيۇلىدۇ گاھى يالغاندەك.
مەيلى قانداق بولسۇن، بۇ ئۆمۈر
ئۆتۈپ كەتتى ئۇچقۇر تۇلپاردەك.
قىرىق سىزىق، ئېھ، قىرىق سىزىق،
بۇ سىزىقلار ھاياتتا چىنلىق.
چىنلىق شۇنداق قىستىغانسېرى
قىش كۆرۈنەر باھاردەك ئىللىق.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461262.htm