باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت شېئىر ئوبزور ۋە مۇلاھىزە ھىكايە تەرمىلەر ئەسەرلەر يۇمۇرلار تېپىشماقلار پوۋسىت

چېچەك پەسلى

مەنبە :       يوللىغۇچى :       يوللانغان ۋاقىت : 2015-12-13 04:15:19

‹‹چېچەك پەسلى›› مەزكۈر مەزمۇننى سول تەرەپتىكى ئىككىلىك كودنى يانفۇنىڭىزدا سىكاننىرلاپ ئۈندىداردىكى دوستلىرڭىز بىلەن تەڭ ھەمبەھىرلىنىڭ !

ئابلىز نازىرى شائىر، ژۇرنالىست ئابلىز نازىرى (1925 – 1994) ئۈرۈمچىدە تۇغۇلغان. ئۇنىڭ ھاياتى مەتبۇئاتچىلىق ۋە ئەدەبىيات – سەنئەت تەشكىلاتچىلىقى بىلەن ئۆتكەن، ‹‹چېچەك پەسلى›› قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىنغان.

تۇرماپمىدى ئاخشاملا تېخى،

دەل – دەرەخلەر پوتلا چىقىرىپ.

مانا، سەھەر باشقىچە ئالەم،

باغ يېتىپتۇ ھال رەڭ تۈس ئېلىپ.

 

كەلگىنىدە ۋاقتى – سائىتى،

چېچەك پەسلى گۈل چىراي ئاچتى.

كۈنى تۈگەپ قىش – قىروۋ پەسلى،

قەيەرگىدۇ يوقالدى، قاچتى.

 

قاراڭ ئەنە كۆز قاماشتۇرار،

گۈل بەرگىدە مەرۋايىت شەبنەم؛

كۈنمۇ چىققان كېلىندەك كۈلۈپ،

بار گۈزەللىك بۇندا بولغان جەم.

 

گۈپۈلدەيدۇ شۇنداق خۇش پۇراق،

مىڭ كېسەلگە داۋا دېسە ئاز.

قۇشلار سايرار بەئەينى بىھوش،

قىلىشقاندەك مىڭ نەغمىچى ساز.

 

بۇ ئەتىياز، يېڭى بىر باھار،

لەرزان ئۇرىدۇ يېقىملىق شامال.

قىن – قىنىغا پاتمايدۇ كۆڭۈل،

ياز كېلىدۇ بىر ساھىبجامال.

                                                                                  1978 – يىل ئاپرېل، ئۈرۈمچى

 

ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461256.htm

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2