ياسىن مەتنىياز
بېقىشىڭغا چىدىمايدۇ ياپراقلار،
كۈز پەسلىدە بولدى كۆڭلۈم يالىڭاچ.
ئاخىرلاشماس سېنىڭ شەھلا كۆزلىرىڭ،
ساڭا كەتكەن خىيالىمغا ئىشىك ئاچ!
سەندە كۆردۈم قۇشلار قونغان سەھەرنى،
تاڭ ئۈچۈندۇر ئاسمانلارغا كۆيمىكىڭ.
شەپەقلەرنىڭ زىبالىقى ئېچىلدى
سابالاردا لەپىلدىسە كۆڭلىكىڭ.
گۈزەل تاردىن سىرغىپ – سىرغىپ ئۈزۈلدى،
ئىككىمىزنى باغلاپ تۇرغان لىرىكا.
بارماقلىرىم بارمىقىڭدىن ئايرىلدى،
بىر خىيالنى تارتۇق قىلدىڭ ئەي زىبا...
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461258.htm