گۈلبوستان ئابدۇرېھىم
قارلىق تاشلاپ ئوينىغان ئىدۇق،
قاردەك ئاپئاق كۆڭلىمىز بىلەن.
زىمىستانغا قىلمايتتۇق پەرۋا،
يانغىن بولغان ئوتىمىز بىلەن.
قوش يۈرەككە شاھىت كەچمىشلەر،
تاتلىق كىشنەپ تۇرار ھەر كۈنى.
يۈرىكىمگە سېغىنىش تېرىپ،
يۇلتۇز كەبى چاقنىتار سېنى.
ئىككىمىزدە كۆكلىگەن سۆيگۈ،
ئىشىنىمەن، مەڭگۈ ئۆلمەيدۇ.
سەندە ئاپتاپ سۆيگەن باغلىرىم،
باھارىدىن ھەرگىز كۆچمەيدۇ.
بىز ياشايمىز تۇنجى سۆيگۈدە،
بوۋام – مومام چۆچەكلىرىدەك.
بىر تاپسىدىن ئالارمىز قەدەم،
ئادەم ئاتا، ھەۋۋا ئانىدەك.
ئەسلى مەنبە: http://uy.ts.cn/wenxue/content/2015-10/19/content_461266.htm