ئەنگىلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىت باقىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ ئاسانلا ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ جەلپكارلىقى چوڭ ئۆيى، ئېسىل ماشىنىسى شۇنداقلا نۇرغۇن پۇلى بار بايلاردىنمۇ ھەم ئېشىپ چۈشەلەيدىكەن.
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 17-كۈنىدىكى تېلىگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 16-چېسلادىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگىلىيىدە ئېلىپ بېرىلغان ئەڭ يېڭى بىر تەكشۈرۈشتە كۆرسىتىلىشىچە، ئىت باقىدىغان ئەرلەر تېخىمۇ ئاسانلا ئاياللارنىڭ ياخشى كۆرۈپ قېلىشىغا ئېرىشەلەيدىغان بولۇپ، بۇ خىل ئەرلەرنىڭ جەلپكارلىقى چوڭ ئۆيى، ئېسىل ماشىنىسى شۇنداقلا نۇرغۇن پۇلى بار بايلاردىنمۇ ھەم ئېشىپ چۈشەلەيدىكەن.
توردىن مال سېتىۋېلىش تور بېكىتى-notonthehighstreet.com يېقىندا 2000 نەپەر ئەنگىلىيىك ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق بەشتىن بىر قىسىم ئاياللارنىڭ ئادەتتە ئىت باقىدىغان ئەرلەرنى تېخىمۇ ئاسانلا ياخشى كۆرۈپ قالىدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئەرلەرنىڭ يۇقىرى مۇئاشلىق بولۇشىنى مۇھىم دەپ بىلىدىغانلارنىڭ زىيارەتتىكى ئىگەللىگەن نىسبىتى %11 كە يېتىدىغان بولۇپ، ئەرلەرنىڭ چوڭ ئۆيلىرى بولۇشنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار %12 كە يەتكەن.
پەقەت %5 ئاياللارلا ئەرلەرنىڭ داڭلىق ماركىلىق كىيىملەرنى كىيىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسا، يەنە %6 ئايال ئەرلەرنىڭ ئېسىل ماشىنىسى بولۇشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
زىيارەت قىلىنغان ئەرلەرگە نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا بولسا تېخىمۇ كۆپ ساندىكى ئەرلەر ئۆزىنىڭ باشقىلارغا ئازادىلىك تۇيغۇ بېرەلەيدىغان ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولۇپ، %40 ئەر ئاياللارنىڭ ئۆزىنى قاملاشقان دەپ ئاشۇرۇپراق ماختىشىنى ئاڭلاشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى ئېيتقان.