باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

ئاتىنىڭ قىزىغا قىلغان سەككىز نەسىھىتى

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-14 03:11:49

ئاتىنىڭ قىزىغا قىلغان سەككىز نەسىھىتى

1. بىراۋ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا، كۆڭلۈڭگە ئالما، چۈنكى ئاناڭ بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا ئادەمنىڭ ساڭا ئۇنداق قىلىش مەجبۇرىيتى يوق. ياخشىلىق قىلغانلارغا رەھمەت ئېيىت، مىننەتدار بول، ئەمما ئىھتىيات قىل، چۈنكى بىراۋنىڭ ساڭا ياخشىلىق قىلشىدا مەلۇم سەۋەپ بولىشى مومكىن، ھەممىسىنىڭلا سىنى چىن دىلىدىن ياخشى كۆرۈشى ناتايىن، شۇڭا بۇنى ئايرىۋال، بىراۋنى ئالدىراپلا ھەقىقى دوستۇمكەن دەپ قالما.
2. ئۆمۈر قىسقا بولىدۇ، بۈگۈن ۋاقىتىڭنى ئىسراپ قىلساڭ، ئەتە ئۇنىڭ سەندىن يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى سېىزىسەن. شۇڭا ھاياتىڭنى قانچە بالدۇر قەدىرلىسەڭ ھاياتنىڭ پەيزىنى شۇنچە بالدۇر سۈرەلەيسەن، ئۆمۈرنىڭ ئۇزاق بوشىنى تىلىگەندىن كۆرە، ئۇنىڭدىن بالدۇرراق ھوزۇرلىنىشىنى بىلگەن ياخشى.
3. دۇنيادا مەڭگۈلۈك مۇھەببەت يوق، مۇھەببەت ۋاقىتلىق بىر تۇيغۇ، بۇ تۇيغۇ ۋاقىتقا، كۆڭۈلگە قاراپ ئۆزگېرىدۇ. ئۆلگۈدەك ياخشى كۆرگەن ئادىمىڭ سەندىن ئايرىلسا سەۋر قىل، كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە، كۆڭلۈڭنىڭ تېنىچلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئازابىڭ بارا-بارا يىنىكلەيدۇ. مۇھەببەتنىڭ شىرىنلىكىگە غەرق بولۇپ كەتمە، لايىقىڭدىن ئايرىلىپ قالغاندا، ئۆزۈڭنى يوقىتىپمۇ قويما.
4. مۇۋاپپىقىيەت قازانغان نۇرغۇن كىشى تۈزۈك تەربىيە كۆرمىگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ، تېرىشىپ ئوقۇمىسىمۇ مۇۋاپپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دىگەنلىك ئەمەس. ئۆگەنگەن بىلىم سەن ئۈچۈن قۇرال. ئادەم قۇرۇق قول ئىگىلىك تىكلىسە بولىدۇ، ئەمما قورسقىدا ئۇمىچى بولمىسا بولمايدۇ. بۇنى ئېسىڭدە تۇت.
5. مەن سىنى « قېرىپ قالغاندا باقسىكەن» دېمەيمەن، شۇنداقلا سىنى قېرىپ قالغىچە بېقىپمۇ يۈرمەيمەن، سەن چوڭ بولۇپ، مۇستەقىل ياشىيالايدىغان بولغاندا، مىنىڭ بۇرچۇم ئادا بولغان بولىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، ئېشەك ھارۋىسىدا ماڭامسەن ياكى پىكاپتا ماڭامسەن، زاغرا يەمسەن ياكى كاۋاپ يەمسەن بۇ ئۆزۈڭگە باغلىق.:
6. لەۋزىڭدە تۇر، بىراق باشقىلاردىن لەۋزىدە تۇرۇشنى كۈتۈپ كەتمە، باشقىلارغا ياخشىلىق قىل، بىراق « باشقىلار ماڭا ياخشىلىق قىلسا بولاتتى» دەپ تۇرۇۋالما. سەن باشقىلارغا قانداق مۇئامىلە قىلساڭ، باشقىلارنىڭمۇ ساڭا شۇنداق مۇئامىلە قىلىشى ناتايىن، ئەگەر بۇ نۇقتىنى چۈشەنمىسەڭ، ئۆزۈڭگە بىھۇدە باش ئاغرىقى تېپىۋالىسەن.
7. مەن 26 يىلدىن بېرى لاتارىيە بېلىتى ئېلىپ كىلىۋاتىمەن، ئەمما 1-دەرجىلىك مۇكاپات تۈگۈل 3-دەرجىلىك مۇكاپاتمۇ چىقمىدى. دىمەك، ئادەم بېياي دېسە، تېرىشىپ ئىشلىشى كېرەك ئىكەن.
8. مەن بۇ ئۆمرۈمدە سەن بىلەن ھەر قانچە ئۇزاق بىللە ياشاي، ھامان سەندىن ئايرىلىمەن. شۇڭا، جەم بولغان ۋاقىتلىرىمىزنى قەدىرلە، مەن ئۆلۈپ كەتسەم، مەيلى ياخشى كۆرگىن ياكى ياخشى كۆرمىگىن، بىز قايتا كۆرۈشەلمەيمىز.

«شىنجاڭ مائارىپى» ژورنىلى 2010-يىل 10-سانىدىن
2012.3.21.3 8 a1

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2