ئەرلەرنىڭ خوتۇن ئېلىشى ئاياللارنىڭ ياتلىق بولۇشى ئادەتتىكى ئىش. ئەمما، توي قىلغاندىن كېيىن بەختلىك بولۇش مەسىلىسى ئۇنداق ئاددىي ئەمەس. شۇڭا، كۆپ ساندىكى ئاياللار دائىم بۇ دۇنيادا ياخشى ئەرلەرنىڭ ئازلىقىدىن ئاغرىنىپلا يۈرۈيدۇ. ئۇنداقتا، ئۆزىڭىزگە سوئال قويۇپ بېقىڭ، ئايال بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن ياخشى بىر ئەرنىڭ سىزنى بىر ئۆمۈر قەدىرلەپ ئۆتۈشى ھەمدە سىزنىڭمۇ شۇنداق قەدىرلىنىشكە مۇناسىپ ئىكەنلىكىڭىزنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قانداق قىلىشىڭىز كېرەك؟ ئۇنداقتا، زادى قانداق ئاياللار ئەرلەرنىڭ ياخشى كۆرۈشىگە مۇيەسسەر بولالايدۇ؟ ئەگەر سىز تۆۋەندىكى 5 خىل ئايال تىپىغا كىرسىڭىز، ئىشىنىمىزكى سىز توي قىلغاندىن كېيىن بىر ئۆمۈر بەختلىك بولالايسىز. 1. ئۆزىنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە يولدىشىنىمۇ قەدىرلەيدىغان ئاياللار دانالار «بىر ئادەم ئۆزىنى قەدىرلىمىسە باشقىلارنىمۇ قەدىرلىمەيدۇ.» دەپ توغرا ئېيتقان. بىر ئايالغا نىسبەتەن ئېيتقاندا تېخىمۇ شۇنداق. مۇھەببەتلىشىش جەريانىدا، كۆپ ساندىكى ئاياللار ھەمىشە قارشى تەرەپ ئۈچۈن بەدەل تۆلەيدۇ-يۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا سەل قارايدۇ. بۇنىڭ ئەكسىچە، دائىم ئەرلەر تەرىپىدىن يۈزسىزلىككە مۇپتىلا بولىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئەرلەرنىڭ ئۈجمە كۆڭۈللۈك قىلىشى مەلۇم مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ئاياللار سەۋەبىدىن بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئەرلەر ماھىيىتىدىن بىر خىل شەھۋەتپەرەس كېلىدۇ. ئۇ سىزگە ئىگە بولۇش بىلەن بىرگە، كاللىسى يەنە باشقا ئاياللارنى ئويلايدۇ. ئەگەر ئاياللار ئۆزىنى قوغداشنى بىلمىسە، ۋاقىتنىڭ ئۇزىرىشىغا ئەگىشىپ، بۇ خىل ئەرلەر ئۇلاردىن ئايرىلىپ كېتىدۇ. شۇڭا، ئەقىللىق ئاياللار ئاۋۋال ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگىنىپ ئاندىن قارشى تەرەپنى قەدىرلەش بىلەن بىرگە ئۆزىنى قوغداشنى بىلىدۇ. ئەڭ مۇھىمى ھەر ۋاقىت ئۆزىنىڭ سىرتقى قىياپىتىگە دىققەت قىلىش، مانا بۇ ئەرلەرنى ئۆزىگە قارىتىشتىكى ئامالنىڭ بىرى. 2. ئۆزىنىڭ شەخسىي تۇرمۇش بوشلۇقى بولۇش بىلەن بىرگە يەنە يولدىشىغا مۇۋاپىق شەخسىي تۇرمۇش بوشلۇقى بېرىدىغان ئاياللار ئۇنى ياخشى كۆرسىڭىز، ئۇنىڭغا يېتەرلىك ئەركىن بوشلۇق بېرىڭ. ھەرگىزمۇ يولدىشىڭىزنىڭ كۆزىگە كىرىۋېلىپ، ئۇنىڭ ھەر بىر ئىش-ھەرىكىتىنى «نازارەت» قىلىشتىن ساقلىنىڭ. ئۇنداق بولمىغاندا، قارشى تەرەپتە ئاسانلا بىزارلىق تۇيغۇسى شەكىللىنىپ قالىدۇ. ئاياللار كۆڭلىدىكى سۆزلەرنىڭ ھەممىسىنى يولدىشىغا دېيىش شەرت ئەمەس. قايغۇلۇق ئىشلارغا يولۇققاندا، ئۆزىنىڭ يېقىن دوستلىرىنى تېپىپ ئۇلارغا كۆڭلىدىكىنى تۆكىۋالسا بولىدۇ. ئەگەر ھەر ئىككى تەرەپنىڭ يات جىنىسلىق دوستى بولۇش ھەرگىزمۇ ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ئەقىللىق ئاياللار چەك-چىگرىنى ياخشى ھەل قىلالايدۇ. ئەقىللىق ئاياللار يولدىشىنىڭ ئىشلىرىنى قوللاپ يولدىشىنى رىغبەتلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. 3. ئۆزىنى ھۈرمەت قىلىدىغان ۋە ئۆزىنى ياخشى كۆرىدىغان ئاياللار ھازىرقى كۈنلەردە بىر كېچىلىك مۇھەببەت ناھايىتى مودا بولىۋاتىدۇ. ئەمما ئادەمنىڭ ئېھتىياجى زادى نېمە؟ ئەجىبا بىر ئادەمنىڭ ئادەم بولۇش پەقەت فىزىئولوگىيەلىك ئېھتىياجنىلا قاندۇرۇشمۇ؟ ياق، ھەرگىز بۇنداق ئەمەس. بىر ئەقىللىق ئاياللار ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئەرلەرگە يولۇققاندا، ئاۋۋال ئۆز-ئارا چۈشىنىشىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئۆزىگە ماس كېلىدىغان كەلمەيدىغانلىقىنى ئېنىق بىلگەندىن كېيىن، ئاندىن ھېسسىياتنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ تەبئىي تەرەققىي قىلىدۇ. بىر كەلسە-كەلمەس ئەرلەر بىلەن كارىۋاتقا چىقىدىغان ئاياللار ئەرلەردىن سىز بۇنداق ئايالنى خوتۇنلۇققا ئېلىپ بىرگە تۇرمۇش كەچۈرۈشنى خالامسىز دەپ سوراپ بېقىڭلار! شۇڭا، ئاياللار ئەرلەردىن ئاغرىنىشتىن بۇرۇن، ئاۋۋال ئۆزىنى ئىززىتىنى بىلىشى، ئاۋۋال ئۆزىنىڭ ئىززىتىنى ساقلاپ، ھەقىقىي ئايالغا مۇناسىپ ئەخلاق-پەزىلەتنى ئۆزىدە ھازىرلاپ بولۇپ، ئاندىن ئەرلەردىن ھۆرمەتلىنىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەك. ئۆزىدە يېتەرلىك ساپا، ئەخلاق پەزىلەتنى ھازىرلىماي تۇرۇپ ئەرلەردىن ئۆزىنى ھۈرمەتلەشنى كۈتۈش خۇددى كۆتەك تۈۋىدە توشقان كۈتۈشتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەرلەرمۇ يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان كەلسە-كەلمەس ئاياللار بىلەن بىرگە بولۇشنى راۋا كۆرمەيدۇ. ئەرلەرمۇ ئەخلاقلىق، يېتەرلىك ئاياللىق پەزىلىتىنى ھازىرلىغان ئاياللارغا يولۇققاندا ئۇلارنى ياخشى قەدىرلىشى كېرەك. چۈنكى، ھازىرقى دەۋردە بۇنداق ئاياللار بەكلا ئاز تېپىلىدۇ. 4. مەسئۇلىيەتچان ئاياللار مەيلى ئەر ياكى ئايال بولسۇن، مەسئۇلىيەتچانلىق ھەممىسىدە بولۇشى كېرەك. كۆپ ساندىكى ئاياللار دائىم پۇل ئۈچۈن، ھوقۇق ئۈچۈن بىر ئەر بىلەن بىرگە بولۇشنى ياخشى كۆرىدۇ. ئەمما بۇ خىل ئاياللار پەقەت ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە بەدىنىنى بىر خىل ئالماشتۇرۇش ۋاستىسى قىلىۋالىدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ ھېسسىياتى ۋە بەدىنى بەدىلىگە پۇل ۋە ھوقۇققا ئىگە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. بۇ خىل ئاياللار بۈگۈن مەلۇم بىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىز بىلەن بىرگە بولسا، ئەتە يەنە بىر ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن سىزدىن ئايرىلىپ باشقىلار بىلەن بىرگە بولىدۇ. بۇنداق مەسئۇلىيەتسىز ئاياللارنى كىممۇ خوتۇنلۇققا ئېلىشنى خالايدۇ؟ شۇڭا، ئاياللار چوقۇم ئۆزىگە ۋە باشقىلارغا مەسئۇل بولۇشى، پۇلنىڭ ئالدىدا ئۆزىنى كونترول قىلىشنى بىلىشى كېرەك. 5. ئىلغار ئىدىيە ۋە كۆز قاراشقا ئىگە ئاياللار ھازىرقى دەۋردە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش بېسىمىمۇ بارغانچە ئېشىپ كېتىۋاتىدۇ. ئەرلەر سىرتتا بېرىلىپ خىزمەت قىلىش جەريانىدا ئاللىبۇرۇن كۆپ بېسىمغا ئۇچىرايدۇ. ئەگەر ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە ئاياللار بولسا، ھېچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ كەسىپ قارىشى ۋە كىشىلىك قىممەت قارىشى بولىدۇ-دە، ھەرگىزمۇ ھەمىشە ئەرلەرگە تايىنىۋالمايدۇ. ئوخشاشلا، ئاياللارمۇ جەمئىيەتتە ۋە بېسىم ئاستىدا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىنىدۇ ۋە ئۆزىنى تاۋلاپ، كۈنسېرى پىشىپ يېتىلىش بىلەن ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولىدۇ. ئىلغار ئىدىيەگە ئىگە ئاياللار ھەرگىزمۇ پۇلنى دەپ يولدىشى بىلەن جىدەللەشمەيدۇ. پۇل ھەرگىزمۇ ھەممىنى ئۆلچەيدىغان ئۆلچەم ئەمەس. ئوخشاشلا، بەخت، ھېسسىياتنى پۇلغا سېتىۋالغىلى بولمايدۇ. شۇڭا، ئىلغار ئىدىيەلىك ئاياللار ئۆزىنىڭ نېمىگە ئېھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ-دە، ھەرگىزمۇ ھەمىشە پۇلنىلا قوغلاشمايدۇ. ئۇلار پۇلنىڭ تۇرمۇش ئۈچۈن ئىشلىتىلگىنى بىلەن ئۇنىڭ ئادىمىيلىكتىن خېلىلا تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنىدۇ. نىكاھ ئىككى ئادەمنىڭ بەختلىك تۇرمۇشىنىڭ ئىسپاتى. نىكاھ ھەرگىزمۇ زاراتگاھلىق ئەمەس. ئەقىللىق ئاياللار ئۆز بەختىنى قانداق پەرۋىش قىلىشنى بىلىدۇ. ھەرگىزمۇ ئۆزى بىر قوللۇق ياراتقان بەختىنى ۋەيران قىلمايدۇ قىلىپ، يالۋۇرۇپ قويسا، ئۆچكە يېغىدەك ئېرىپلا كېتىدۇ. مەنبە: تۇرمۇش ساۋاتلىرى…… |