باش بەت قىلىڭ ساقلىۋىلىڭ باشلان تورىغا كەلگەن قەدىمىڭىزگە مەرھابا !
باش بەت ئاياللار ئەرلەر پەرزەنىت تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى نىكاھ ۋە ئائىلە جىنسىيەت ئۇنۋىرسال مۇھەببەت لىرىكىسى

مانا بۇ ھەقىقى مۇھەببەت

مەنبە :       يوللىغۇچى : admin       يوللانغان ۋاقىت : 2015-02-14 03:17:53

ئىچىم پۇشۇپ بازار ئايلنىپ تورخانغا كىرىش خىيالغا كەلدىم . تورخاندا ئادەم بەك كۆپ بۇلۇپ،بۈگۈن بايرام كۈن بولغاچقىمىكىن تورخانا ناھايتى ئاۋاتلىشىپ كەتكەن ئىدى .
كومپيۇتىرنى قوزغىتىپ،چى چىنى ئاچتىم. مەن چى چى نۇمۇرنى ئاچقىلى ئۇزۇن بولمىغاچقا ، چى چى تۇپىدا دوستلىرىم بەك ئاز بۇلۇپ،دوس تېپىش ئۈچۈن، دوس ئىزلەشكە باشلدىم . گۈلخۇمار،ئىزلەش ...... بۇ ئىسىمدىمۇ تۆت بەشى بارئىكەن بۇنىمۇ قۇشىۋالدىم لېكىن قايتارما جاۋاپ يوق . گۈل غۇنچەم .....بۇنىڭدىنمۇ ئىككىلا ئىسىم بارئىدى بۇنمۇ قوشتۇم . مەن بىرەر-قۇر دوس قوشقاندىن كىيىن ، ئۇچۇر كەلدى . بۇ ئۇچۇر گۈلغۇنچەمدىن كەلگەن سالاملىشىش ئىپادسى كەلدى . مەنمۇ جاۋاپ قايتۇردۇم . -ئەسسالام ياخشىمۇ سىز؟-:مەن:
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام،-:بىز شۇ تەرىقدە ئۇچۇر يېزشىپ كۈرۈشمەي تۇرۇپ خېلىلا تۇنۇش بۇلۇپ قالدۇق .
-سىز قەيەردىن ؟-: سوردىم مەن ئۇچۇر ئارقىلىق .قىز:
- خوتەندىن!سىزچۇ ؟-:
- مەنمۇ خوتەندە .
- ھە....
-ئىسمڭىز نىمە ؟-
-مىخرىگۈل سىزنىڭچۇ ؟
- ئادىلجان...
-ھە....
-كۈرۈشسەك بولامدۇ ؟
-بولىدۇ قەيەردە كۈرىشمىز ...
-سىز تاللاڭ مەن شۇ يەرگە باراي !
-بولىدۇ،خەلىق باغچىسى ئالدىدا كۈرشەيلى ....
-قانداق كۈرىشمىز؟
-تىلفۇن قىلىڭ ....
-تېلفۇن نۇمۇرىڭىز؟؟؟؟؟ ***********
-بولدۇ سەل تۇرۇپ مەن شۇ يەردە سىزگە تېلفۇن قىلاي .
-بولىدۇ،-:مەن دەرھال تورخاندىن ئايرىلدىم ، ئۇدۇل خەلىق باغچىسى تەرەپكە يول ئالدىم، مەن يېرىم سائەت ساقلىغاندىن كېيىن ، ئەتراپقا نەزەر سالدىم . بۇ يەردە دوسلىرنى ساقلاۋاتقانلار خېلى بۇلۇپ ، مەن تېلىفۇن ئۇردۇم . تېلفۇنىڭ چاقىرىق ... ناخشىسى ناھايتى مۇڭلۇق بۇلۇپ مەن بۇ ناخشىغا ئەزەلدىن ئامراق ئىدىم .
تېلىفۇن ئاۋازى يېنىمدىكى بىر قىزدىن ئاڭلىنىپ تۇراتتى،مەن شۇئان كەينىمگە قارىدىم . بەلكىم بۇ قىزغا باشقا بىرسى تىلىفۇن قىلغاندۇ؟...خىيالىمدىكى بۇ قىز قانداقراق قىزدۇ خىيالىمدىن ھەر خىل ئويلار كىچەتتى ھەم بەك خۇشال ئىدىم ،مۇنداق سالاپەتلىك قىز يان تەرپىمدە مىنى ساقلاپ تۇرۇش مۇمكىن بولمايدۇ ئەلۋەتتە ؟ مەن تېلىفۇنىڭ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟ ياخشمۇسىز؟-:دىگەن مۇڭلۇق ئاۋازدىن خىيالىمنى يىغىپ ، -ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام!سىز مىخرىگۈل بۇلامسىز ؟
-ھەئە سىز ئادىلجانمۇ ؟
-ھەئە، شۇنداق مەن ئادىلجان بۇلىمەن . سىز قەيەردە ؟
-مەن خەلىق باغچىسى ئالدىدىغۇ!-:تۇيۇقسىز كەينىمگە قارىدىم .كۈزۈم باياتىنقى قىزغا چۈشتى بۇ قىزمۇ يان تەرەپكە ئۆرۈلۈپ ماڭا قارىدى،
-سىز.....
-ھەئە مەن ئادىلجان بۇلىمەن . سىز....
-مەن مىخرىگۈل بۇلىمەن .
مەن بۇنداق گۈزەل چىرايلىق قىزنى تۇنجى قېتىم كۈرۈشۈم ئىدى. نىمە ئۈچۈنكى بۇ قىز ماڭا، شۇنچە گۈزەل پەزىلەتلىك كۈرۈنگەن بولۇپ، بىر كۈرۈپ ئاشىق بۇلۇش دىگەن مۇشۇ بولسا كىرەك،مەن نىمە دەپ ئېغىز ئېچىشىمنى بىلمەي دۇدۇقلاپ قالغان ئىدىم .
مىنىڭ مۇشۇ قىزلارنى كۆرگەندە تارتىنچاقلىقىم. -
ياخشىمۇ سىز؟.....
گەپ قىلماستىن سۈكۈتتە تۇرۇپ بىراقلا ئېغىز ئېچىشمىز ئىككمىز تەڭلا ئەھۋال سوراشقان ئىدۇق . قىزمۇ خىجىلچىلىق ئىچدە يەرگە قارايتى، مەنمۇ خىجىلچان بولغاچقا قىزغا ئۇدۇل قاراشتىن ئەيمىنەتتىم .
مەن قىزنىڭ كۆڭلىنى قانداق ئېلىش توغرىسدا سەل ئويلىنىپ ، تاماققا تەكلىپ قىلدىم . بىراق قىز رەت قىلىپ ، تاماق يەپ بولغانلىقنى بىر نەرسە يىگۈسى يوقلىقنى ئېيتتى . -ئۇنداقتا ئىسسىق باسقۇدەك سۇيۇق -سەلەڭ بىرەر نەرسە ئىچەيلى جۈرىڭە!-:مەن قىزنىڭ قولدىن ئىختىيارسىز تارتتىم . قىز سەل ئەيمىنگەن ھالەتتە. ماقۇل بولدىيۇ بىراق قۇلنى مەندىن ئەپقاچقاندەك ئىتتىكلا تارتىۋالدى . مەنمۇ خىجىل بۇلۇپ قالدىم،
توۋا نەدىن كەلگەن جۈرئەت بۇ ماڭا؟ ئۈزەمچە ئويلۇنۇپ ھازىرغىچە بىرەر قىزنىڭ قولنى بۇنداق يۈرەكلىك ھالدا تۇتۇپ باقماپتىكەنمەن ،كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال . قەلبىمدە بۇ قىز ، مىنىڭ سۆيگىنىم بولسا نەقەدەر ياخشى بۇلاتتى ھە دەپ ئويلايتىم،مەن ئەمدىلا تۇنۇشقان بۇ قىزغا نىمانچە ئىشتىياق باغلاپ كەتتىم؟كۆڭلۈمدە ھەر خىل خياللارنى قىلىپ، مەن دائىملا تاماق يەيدىغان كالا گۈشى ئۈگرىخانىسغا كىلىپ قالغان ئىدۇق .
بىز ئاشخاندىن چىقىپ،بىردەم بازار ئايلىنىش مەقسىدىدە ياندىشىپ ماڭدۇق .
-سىز نەدىن؟-:سوردۇم مەن جىمجىتلىق كەيپىياتنى بۇزۇپ .
-خوتەندىن !
-بۇ يەردە ئۇقىۋاتامسىز؟
-ياق،مەن ئۇقۇش پۈتۈرگەن ئاكامغا ياردەملىشۋاتمەن .
-ئاكىڭىز نىمىش قىلىدۇ؟
-ئاكام تاللا بازىرى دۇكنى ئاچىدۇ .
-ھە....
-سىزچۇ نەدىن بۇلسىز؟-: سوردى قىزمۇ.
-مەن قەشقەردىن بۇلىمەن؟-: مەن ئۈزەمنىڭ بىر دىخان ئىكەنلىكىمنى يۇشۇرۇپ قالماقچى بولدۇميۇ بىراق‹ كىيىنچە قانداق قىلارمەن، رەسمى ئارلىشىپ قالسام مىنىڭ دىھقان ئىكەنلىكىمنى بىلسە، يالغانچى ئىكەن دەپ قالارمۇ ؟ئەگەر راستنى ئېيتسام بۇ قىز مەندىن ۋاز كىچەرمۇ؟› دىگەن خىياللار خىيالىمدىن كەتمەيتى، قىز مەندىن‹نىمىش قىلسىز؟› دەپ،ئەنسىرەپ تۇرغان ،گەپ ئاخىرى سورالدى.مەن دۇدۇقلاپ تۇرۇپ:
-مەن دىھقان،دىھقانچىلىق قىلىمەن.قىزنىڭ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ،
-پاھ.... نىمەدىگەن ياخشى مەنمۇ دىھقان ئائىلىسدىن دادام يۇرتتا دىھقانچىلىق قىلىدۇ. قىزنىڭ ئۇچۇق چىراي كۈلۈمسىرگەن ھالتى مىنى ناھايتى خوش قىلغان بۇلۇپ، ئۈزەمنى كەمسىتىشىم ھاجەتسىز ئىدى .
مەن قىزغا قايتا-قايتىلاپ قارايتىم. قىز ناھايتى كىلىشكەن بۇلۇپ قاپقارا قاشلىرى،ئۇماق كۆزلىرى مىنى ئۈزىگە مەپتۇن قىلىۋالغان ئىدى ، ماڭا نىمانچە قاراپ كەتتىڭىز؟-: دىگەن تاتلىق سۆزلىرى مىنى خىيال دەرياسدىن ئويغاتقان ئىدى ، مەن قىزغا قاراپ ،
-سىز نىمەدىگەن گۈزەل ھە؟-: قىز:
-خىجىل قىلماڭە ؟
-راس دەيمەن....سىز مىنىڭ خىيالىمدا ئەڭ گۈزەل قىز.قەلبىمدىن چوڭقۇر ئۇرۇن ئالدىڭىز ...
بىز خېلى ئۇزۇن بازار ئايلاندۇق .تۇساتتىنلا كەلگەن ئەنسىز تېلىفۇن قىزنىڭ دىقىتنى بۆلگەندەك .... قىز دەرھال تېلىفۇننى ئالدى ،
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم؟-:قىزنىڭ بۇنداق ئىلمى سۆزلىرى مىنى تېخمۇ قايىل قىلغان ئىدى. -ھە ، ئاكاممۇ .... مەن ھازىرلا قايتاي .-: قىزنىڭ بۇ گىپدىن كۆڭلۈم پەرشان بۇلۇپ، -بىردەم پاراڭلاشساق بولمامدۇ ؟ قىز ،
-دەرھال ماڭمسام بولمايدۇ، ئاكام ئاچىقلايدۇ، مەن ئاساسەن سىرتقا كۆپ چىقمايمەن، بۈگۈن بايرام كۈن بولغاچقا ئىككى سائەتلىك رۇخسەت ئالغان.بولدى مەن ماڭاي تېلىفۇن ئارقىلىق كۈرۈشۈپ تۇرايلى .خوش ئەمسە ؟
مەن قىزنىڭ كەينىدىن قاراپ تۇرۇپلا قالدىم .قىزمۇ كەينىگە قاراپ-قاراپ ئۈمۈتسىزلىك ئىچىدە ماڭاتتى.مەن ئۆيگە قايتىپ كېلىپ بالدۇرلا ياتقان بولساممۇ،خىيال دەرياسىغا غەرىق بولغان ئىدىم.تۇرۇپلا ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلدىم، لېكىن تېلفۇنى ئىتىك ئىدى . مۇشۇ تەرىقىدە، بىر ھەپتە ئېچىلمغان تېلفۇننى ساقلاش بىلەن ئىچىم تىتىلداپ تۇراتتى . بۈگۈن ھەپتنىڭ ئىكىنچى كۈنى تاڭ سەھەردا تامقىمنى يەپ مەھەللنى ئايلىنىپ ئىچىم تىتىلداپ تۇراتتى، تۇساتىنلا سايرىغان تېلفۇن كۆڭلىمنى خۇشال قىلدى. تېلفۇنى قۇلۇمغا ئالدىم قارىسام راسلا مىخرىگۈل ئىدى ، كۆڭلۈم شۇنداق خۇشال ئىدىكى ھاياتىمدىكى يۈتتۈرۈپ قويغان قىممەتلىك نەرسەمنى تېپۋالغاندەك ھىس تۇيغۇدا ئىدىم .
-ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ؟
-ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام .بۈگۈن ۋاقتىڭىز بارمۇ ؟
-ۋاي بولمامدغان ئەلۋەتتە بار،سىز دىگەن يەردە ھەر قانداق ئىش بولسمۇ تاشلاپ بارىمەن دەڭە ؟
-بولىدۇ ئەمسە ساقلايمەن ، تىزراق كىلەرسىز ؟-: قىزنىڭ تىترەپ چىققان ئاۋازدىن بىر- خىل كىلىشمەسلىك يۈز بەرگەندەك ،ئەنسىرەش خىيالى ۋۇجۇدۇمنى چىرمىۋالغان ئىدى. توۋا، مەن ھىچقاچان بۇنداق بولمغان، بۇ قىز خۇددى ئۈزەمنىڭ بىر قىسىمدەكلا مەن ئالدىراپ ماڭغانچە بىرەر- سائەت ماشىنا ئالمشىپ يۈرۈپ دىيىشكەن جايغا ۋاقتىدا ئۈلگۈرۈپ كەلدىم .
قىزنىڭ كۆزلىردىن مۇنچاقتەك ياشلار تۈكۈلەتتى.تىترەك ئاۋازىدىن،‹ئارانلا ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم›دىگەن گەپ تەستە چىقتى.
-نىمىش بولدى ماڭا ئىېيتڭە ؟-: قىزغا قاراپ مىنىڭمۇ كۈڭلۈم يېرىم ئىدى .قىز يۇرتقا قايتىدىغانلىقى،دادىسنىڭ تۈگەپ كەتكەنلىكى، مۇشۇ توغۇرلۇق مەن بىلەن خوشلاشماقچى ئىكەنلىكى ، يەنە بىر- ئايدىن كېيىن قايتىپ كىلىدىغانلىقنى سۆزلەپ بەردى .بىز بىردەم بازار ئايلىنىپ باغچىغا كىردۇق باغچا ناھايتى گۈزەل بۇلۇپ مەن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرساممۇ، لېكىن بۇ قىز بىلەن بىللە بولغىنىمدىن كۆڭلۈم يەنلا خوش ئىدى .
مەن يادىكار سۈپتىدە قىزغا ، ئۈزىگە يارىغان قىزىل ياغلىقتىن بىرنى ئېلىپ بەردىم .قىزمۇ بۇ بىرھەپتە كۈرۈشمگەن بولساقمۇ ، مىنى چىن دىلدىن ياخشى كۆرگەندەك قىلاتتى . بولمسا ئاتايەن مىنى چاقىرتامتى؟بىز كۈزىمىز قىيمغان ھالدا خوشلاشتۇق.ھەم،بىر- بىرىمىزگە ۋەدىلەرنى قىلىشقان ھالدا ئايرىلدۇق .
مەن ئۆيگە كىلىپلا ئۇنىڭغا تېلفۇن ئۇردۇم،ئەمما تېلفۇن يەنە ئىتىك،مەن ئەتىسى
ئۆگىنى. ھەر كۈنى دىگۈدەك ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلدىم، يەنىلا ئىتىك،ساقلاش شۇ تەرىقدە بىر-ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت ئۆتكەن ئىدى، مەن تۇرۇپ-تۇرۇپ تېلفۇننى قۇلۇمغا ئېلىپ شۇ نۇمۇرغا ئۇلاپ باقاتتىم. ئىتىك .دوسلۇرۇمدىن كەلگەن تېلفۇن بولسىمۇ تېزلا ئالاتتىم. لېكىن بۇ نۇمۇر ئەمەستە ؟كۆڭلۈم پەرىشان ئىدى .تۇساتىن بىر تۇققۇنۇم قاتتىق ئاغرىپ قالدى . مەن بۇ تۇققۇنۇمنى داۋالتىش ئۈچۈن،ئۈرۈمچى‹ يىشويەن›دوختۇرخانىسغا بىرگە كەلدىم . بۇ تۇققىنىمنىڭ كىسلى خېلى ئېغىر بۇلۇپ،بىز بۇ دوختۇرخانىدا خېلى ئۇزاق تۇرۇپ قالدۇق .مەن ئىچىم پۇشقان ۋاقىتتا، بەزدە بازار ئايلانسام بەزدە تورخانغا كىرىپ كۆڭلىمنى ئاچاتتىم .
مەن دوختۇرخانا نۇمۇر كۈتۈش زالىدا بىردەم ئارام ئېلىپ ئولتۇردۇم،كەينىمدىن بىرسنىڭ تۇنۇش ئاۋازدا گەپ قىلغانلىقى مىنى ھاياجانغا سالغان ئىدى، كەينىمگە ئۈرۈلۈپ گەپ- قىلماقچى بولدۇم ، بىراق باشقا بىرسى بولسىچۇ؟خىيالىمدىن ھەر-خىل خىياللار كىچەتتى، مەن شۇنداقتمۇ ئىختىيارسىز كەينىمگە ئۆرۈلدۈم،بۇ قىز ئالدى تەرىپىگە قاراپ، ئۈزدىن خېلىلا چوڭ بىر قىز بىلەن پاراڭ قىلىۋاتاتتى.
مەن كەيندىن قاراپ،قىزنىڭ بوينىغا چىگىۋالغان ياغلىققا كۈزۈم چۈشتى.شۇ...شۇ مەن ئېلىپ بەرگەن ياغلىق شۇ....مەن ئورنۇمدىن تۇرۇپ قىزنىڭ ئالدىغا كەلدىم.قىز ماڭا قاراپ ھاڭ- تاڭ قالغان بۇلۇپ، قىلىشۋاتقان گەپلىرنى توختاتتى.قىزنىڭ ھالتى ناھايتى ئېچنىشلىق بۇلۇپ نىمە ئۈچۈن ماڭا تىلفۇن قىلمغانلىقنىڭ سەۋەبنى چۈشەنگەندەك بولدۇم .چۈنكى قىزنىڭ ئولتۇرغنى مىيىپلار ھارۋىسى ئىدى .قىزنىڭ ئىككى پۇتى كىسۋىتىلگەن بۇلۇپ، ئەسلى بىز ئايرىلغان كۈنى. ماشىنا ۋەقەسىدە قىزنىڭ پۇتى يارىلانغانلىقتىن پۇتى كىسۋىتىلگەن ئىكەن،شۇڭا ماڭا تېلفۇن قىلمغان ئىكەن.مەن قىزغا قانماي قارايتىم كۆزلىرىمدىن مۇنچاقتەك ياشلار ئاقاتتى قىزمۇ ماڭا قاراپ قاتتىق يىغلغان بۇلۇپ،بۇ ھەسرەت يېشى يېنمىزدا تۇرغان كىشلەرنىمۇ تەسىرلەندۈرگەن ئىدى،چۈنكى بولغان ئىشلارنىڭ بايانىنىى يېنمىزدا ئولتۇرغان كىشلەر ئاڭلىغان بۇلۇپ بىزنىڭ بۇ ئېچنىشلىق كەچۈرمىشمىزنى بىلگەن ئىدى . مەن قىزنىڭ قولدىن چىڭ تۇتۇپ،
-ئەخمەق،سىز مىنى نىمەدەپ چاغلاپ قالدىڭىز؟مىنى شۇنچە ۋىجدانسىز چاغلىدىڭىزمۇ؟ دىگەن سۆزلەرنى تەستە ...ئاۋازىم تىتىرگەن ھالدا،
-بىلەمسىز مەن سىزنى بىر مىنۇتمۇ ئىسىمدىن چىقارغىنىم يوق،-:قىزمۇ تىتىرگەن ئاۋازدا يىغلاپ تۇرۇپ،
-مەنمۇ شۇنداق،بىلەمسىز مەنمۇ سىزنى بىر مىنۇتمۇ ئۇنۇتمۇدۇم،-:قىزنىڭ يىغلاپتۇرۇپ قىلغان سۆزلىرى قەلبىمنى تېخمۇ خۇشال قىلغان ئىدى .چۈنكى قىز مېيىپ بولغنى بىلەن كۆڭلى مىيىپ ئەمەستە؟ماڭا بەرگەن سۆيگۈسى مىيىپ ئەمەستە !..........
مەنبە:سويگۇ سالونى

بارلىق ھوقوق : باشلان تورىغا تەۋە ، Copyright© 2011-2014 www.Baxlan.com

باشلان تورى مەسئۇلى : ئەكبەر ، ئىلان -ئالاقە ھەمكارلىق : 13899990941

QQ: 652952114 ،652952113 ئۈندىدار نۇمىرى : Baxlan
تىخنىكىلىق مەسىللەرگە يولۇقسىڭىز 13899990941 ئالاقىلىشىڭ !

新ICP备13000980号-2