|
|
|
پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇش |
يوللىغان ۋاقىت:2009-02-12 ئاۋاتلىقى:8 |
|
|
|
پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇش ( فەسادۇششەممى ) پۇراش سېزىمىنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقالغانلىقىغا قارىتىلغان ، بەلكى پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ تەبىئىي ھالەتتىن ئۆزگىرىپ قالغانلىقىغا قارىتىلغان . ئۇ ئادەتتە ئۈچ خىل ھالەتتە ئۇرايدۇ . 1. بۇرۇننىڭ پۇراش قۇۋۋىتى ھەممە پۇراقنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ . 2. بىر خىل پۇراقلىق نەرسىنى كېسەل كىشى ئىككى خىل ھېس قىلىدۇ . 3. بۇرۇن پەقەت سېسىق ياكى خۇشپۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ . ئۇلارنى پەرقلەندۈرۈپ ياكى ئايرىپ سېزەلمەيدۇ . سەۋەبى 1. بۇرۇن پۇراش قۇۋۋىتى ھەممە پۇراقنى بىر خىللا چېس قىلىشتىكى سەۋەب : بىرىنچى ، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسىمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكىتىن مىزاج ئىسسىق ، قۇرۇق ۋە سوغۇق ، ھۆللۈكتىن ئۆگىرىپ پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇپ ھەممە پۇراقلارنى بىر خىللا ھېس قىلىدۇ . ئىككىنچى ، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا ناچار خىلىت ئورۇنلاشقان بولۇپ ، ئۇنىڭ مىقدارى كۆپەيگەن ياكى كۈچلۈك بۇزۇق كەيپىياتقا ئۆزگەرەنلىكتىن پۇراش قۇۋۋىتى داۋاملىق شۇ خلىتقا خاس بىر خىل پۇراقنىلا سېزىدۇ . بۇنداق بولۇشتىكى سەۋەب شۇكى مەزكۇر خىلىتنىڭ مېڭىدىكى پۇراش مەركىزىگە يېقىن بولغانلىقى ھەمدە بۇ مەركەزنىڭ شۇ پۇراققا كۆنۈپ قالغانلىقىدىن بولىدۇ . 2. بىر خىل پۇراقلىق نەرسىنى كېسەل كىشى ئىككى خىل ھېس قىلىشنىڭ سەۋەبى شۇكى ، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمدىكى ئورتاق سېزىم ( ھىسسى مۇشتەرەك ) قۇبۇل قىلىش ئورنىدا خىلىت ( ماددا ) لىق مىزاج بۇزۇلۇشى پەيدا بولغانلىقتىن پۇراش قۇۋۋىتى بىر خىل پۇراقنى ئىككى سېزىدۇ . 3. بۇرۇننىڭ خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي ، بەلكى پەقەت سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشدىكى سەۋەب شۇكى ، مېڭىنىڭ پۇراق سېزىش مەركىزىدە قان ياكى بەلغەم خاراكتېرلىك تەبىئىي تاتلىق ماددىلار يىغىلىپ قالغانلىقتىن پۇراش قۇۋىتى خۇش پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ _ دە ، پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ ئەكىسچە پۇراقنى قۇبۇل قىلىش خۇسۇسىيتى تۈپەيلىدىن خۇشبۇي نەرسىلەرنى سەزمەي سېسىق پۇراقلارنىلا سېزىدۇ . بۇرۇننىڭ سېسىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي ، بەلكى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلشىدىكى سەۋەب شۇكى ، مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمى ۋە ئىككى تەرەپتىكى پۇراق سېزىش مەركىزى بولغان ئىككى ئۆسۈكچىدە بۇزۇلغان سېسىق خىلىت ( ماددا ) پەيدا بولۇش ياكى بۇرۇن ئىچىدە يىرىڭلىق ، ئۇفۇنەتلىك چاقا پەيدا بولۇشتىن بۇلۇشتىن پۇراش قۇۋۋىتى سېسىق پۇراققا كۆنۈپ قالىدۇ _ دە ، پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ ئۆزى كۆنگەن پۇراقنىڭ ئەكسىنى سېزىشتىن ئىبارەت خۇسۇسىيىتى تۈپەيلىدىن سېسىق نەرسىلەرنى سەزمەي خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدۇ . ئالامىتى 1. بۇرۇننىڭ پۇراش قۇۋۋىتى بىرخللا ھېس قىلىشتا مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگەنلىكتىن تۆۋەندىكى ئالامەتلار كۆرۈلىدۇ : بىرىنچى ، مىزاج ئىسسىق ياكى قۇرۇققا ئۆزگەرسە ، پۇراش قۇۋۋىتى بۇزۇلۇپ كېسەل كىشى داۋاملىق ئەمەلىيەتتە يوق ياخشى ، يامان پۇراقلارنى بىر خىلا ھېس قىلىدۇ . كۆپىنچە ، سېسىق پۇراقلارنى ياقتۇرۇپ خۇش بۇي نەرسىلەردىن نەپرەتلىنىدۇ . مىزاج سوغۇق ۋە ھۆللۈككە ئۆزگەرسە ، مېڭە ئاجىزلىشىپ پۇراش قۇۋۋىتى ئۆزگىرىدۇ ، كېسەل كىشى پەقەت بىرخىل پۇراقنى يەنى خۇش پۇراق ياكى سېسىق پۇراقلارنىڭ ھېس قىلىدۇ . لېكىن ئەمەلىيەتتە بۇنداق پۇراقلار بولمىغان بولىدۇ . ئىككىنچى ، مېڭە ئالدىنقى قىسىمىدا ئورۇنلاشقان ناھار خلىتنىڭ مىقدارى ئاز ، يامان كەيپىياتقا ئۆزگىرىشى ئاجىزراق بولسا ، ئادەتتە مەزكۇر خلىتنىڭ پۇرىقى سېزىلمەيدۇ . مىقدارى كۆپ ، يامان كەيپىياتقا ئۆزگىرىشى كۈچلۈكرەك بولسا ، سىرتقى جەھەتتىكى پۇراقلار قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر پۇراش قۇۋىتى پەقەت شۇ خلىت پۇراقنىلا سېزدۇ . خلىت بۇرۇنغا قارىمۇچ ، سۇنبۇل پۇرىغاندەك بىلىنسە ،خلىتنىڭ ئىسسىق ئىكەنلىكىنى ، سېسىق بىلىنسە ، خلىتنىڭ بۇزۇق ھەمدە ماددىنىڭ سېسىق ئىكەنلىكىنى ؛ ھۆللۈككە مايىل زەي پۇراق بىلىنسە ، خلىتنىڭ سوغۇق ئىكەنلىكىنى ئاچچىق پۇراق بىلىنسە ، سەۋدا خلىتىدىن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ . 2. بىر خىل پۇراقلىق نەرسىلەرنى ئىككى خىل ھېس قىلىشتا كېسەل كىشى دەسلەپتە بىر ىل نەرسىنى خۇش پۇراقلىق ھېس قىلسا ، قايتا پۇرىغاندا سېسىق ھېس قىلىدۇ . كېسەل كىشى دىمىقى دائىم چىڭقىلىپ بۇرنى پۈتۈپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ . 3. خۇش پۇراق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي ، سېسىق نەرسىنىلا ھېس قىلىشتا كېسەل كىشىنىڭ بۇرنى سېسىق پۇراقلارنىلا سېزىدۇ . سېسىق پۇراقلىق نەرسىلەرنى ھېس قىلماي ، خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا ھېس قىلىشتا كېسەل كىشىنىڭ بۇرنى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىڭ ھىدىنلا سېزىدۇ . داۋاسى 1. مېڭىنىڭ ئالدىنقى قىسمى مىزاجنىڭ 4خىل كەيپىياتتىكى ئۆزگىرشلىرىگە ئاساسەن مۇناسىپ ھالدىكى ئۇسۇل _ چارە ۋە دورىلارنى ئىشلىتىش ئارقىلىق مىزاجىنى ئوڭلاشقا تىرىشىش كېرەك . ئادەتتە مىزاج تەڭشەلسىلا بۇرۇننىڭ ھەممە پۇراقنى بىر خللا ھېس قىلىش ئەھۋالى ئۈزلۈكىدىن ياخشىلىنىپ قالىدۇ . 2. بىر خىل پۇراقنى ئىككى خىل ھېس قىلىشنى داۋالاشتا ، ئالدى بىلەن مېڭىنىڭ ئورتاق سېزىم قۇبۇل قىلىش ئورنىدا ماددىلىق مىزاج ئۆزگىرىشى پىياە قىلغان ، ھەببى قوقىيا ، مەئجۈنى نۇجاھ ، مائۇلئۇسۇل قاتارلىقلار تاللاپ ئىشلىتىدۇ . بەزى چۈشكۈرتكۈچى دورىلار بىلەن چۈشكۈرتۈش كېرەك . ئىپار ، قەلەمفۇر ، سىياھدان ، سامساققا ئوخشاش ئۆتكۈر پۇراقلىق دورىلار پۇراشقا بېرىلىدۇ . 3. بۇرۇننىڭ پەقەت سېسىق ياكى ياكى خۇش پۇراق نەرسىلەرنىلا سېزىدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى داۋالاشتىمۇ ئالدى بىلەن مېڭىنى كېسەل ماددىلىرىدىن تازىلاش كېرەك . قۇندۇز قەھرى ، سەكىبنەج ، مۇرمەككى ، جاۋشىر ، سامساق ، كۇندۇش قاتارلىق ئىسسىق ئىسسىق تەبىئەتلىك ياكى سېسىق پۇراقلىق دورىلارنى كېسەل ئەھۋالىغا قاراپ تاللاپ پۇرۇتۇش ، بۇرۇنغا تېمىتىش كېرەك . پۇراش قۇۋۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەمدە كېيىن پىيدا بولۇپ قوشۇلۇپ كەلگەن مىزاج ئۆزگىرشلىرى ئەگەر مۇستەھكەم ئورۇنلاشمىغان مەزگىللەردە يۇقىرىقى داۋالاش ئۇسۇللىرىنى قوللانسا ئۈنۈمى خېلى ياخشى . ئەمما قوشۇلۇپ كەلگەن مىزاج مۇستەھكەم ئورۇنلىشىپ قالغان بولسا ، بۇ ئۇسۇل _ چارىلەر دېگۈدەك ئۈنۈم بەرمەسلىكى مۇمكىن .
|
|
|
|