پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • چاي شامىسى سېلىنغان ياستۇق كۆزنى روشەنلەشتۈرۈپ ، مېڭى ...
  • ھەرخىل باش ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • چىش ئاغرىقىنى داۋالاش
  • قەنت كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ھەيز نورمالسىزلىق
  • كۆز ئاغرىقى ۋەكۆزنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى ي ...
  • چىش ئاغرىقىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • قاندا ماي يۇقىرىلاپ كېتىش كېسەللىكى
  • بەل ئاغىرسىلا بۆرەك بولامدۇ؟؟
  • بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاش
  • بالىلارنىڭ ئىچ سۈرۈشىنى داۋالاش
  • جېگەر كېسىلىنى داۋالاش
  • قىزىلئۆڭگەچنى پەيدا قىلدىغان ئامىللار
  • گالغا سۆڭەك ياكى باشقا نەرسىلەر تۇرۇپ قېلىشنى يەرلىك ئ ...
  • سوزۇلما خاراكتېرلىك كاناي ياللۇغى
  • قان بېسىمىنى ئۈستۈنلۈك كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋ ...
  • يۇقىرى قان بېسىمنى داۋالاش
  • بۆرەك ياللۇغى
  • قۇلاققا پايدىلىق ۋە پايدىسىز ئامىللار
  • قۇلاق ئاغرىقى ۋە گاسلىقنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • بۇرۇن كېسەللىكلىرى
  • ئاشقازان راكى
  • بۇرۇن راكى
  • كانايچە ياللۇغىنى داۋالاش
  • يۇتقۇنچاق ياللۇغىنى داۋالاش
  • ئۈششۈكنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • جىگەر ياللۇغى
  • تۇخۇمنى كۆپ يېسىمۇ، ئادەم زەھەرلىنىدۇ
  • جىگەر قېتىپ قورساققا سۇ چۈشۈش
  •  
    ئىككلەمچى پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-12 ئاۋاتلىقى:6
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     

       ئىككىلەمچى پۇراش سېزىم ئاجىزلىقى ( ئەرەزۇلخەشەمى ) تۇغۇلۇشتا ساق تۇغۇلۇپ كېيىن ھەرخىل سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ پۇراش سېزىمى ئاجىزلاشقانلىقى ياكى يوقالغانلىقىغا قارىتىلغان .


    سەۋەب
    سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىدەك بىر قانچە خىل بولىدۇ .
    1. بۇرۇن ئىچىگە بەزسىمان ئارتۇقچە گۆش ئۆسۈپ ، يەنى ھەرخىل چوڭڭلۇقتىكى بۇرۇن بەۋاسرى ( بەۋاسىيرۇلئەنفى ) پەيدا بولۇپ ، پۇراش سېزىمىنىڭ ئوخشىمان دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    2. بۇرۇن ئىچىگە ئۆسمە پەيدا بولۇپ نەپەس يولىنى توسۇۋېلىىپ پۇراش سېزىمىنىڭ يوقىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    3. شىلىمشىق ۋە قويۇق خىلىتلار بۇرۇن يۇقىرىسىدىكى غەلۋىرسىمان سۈزگۈچ سۆڭەكنىڭ تۆشۈكلىرىگە چاولىشىپ قالسا ، ھاۋانىڭ ئۆتۈشىگە دەخلى قىلىدۇ . بۇ سۆڭەك قاڭشارغا جايلاشقان بىر خىل شالاڭ سۆڭەك بولۇپ ، بولۇتقا ئوخشاش نۇرغۇن تۆشۈكلىرى بار . مەزكۇر تۆشۈكلەر ئارقىلىق ھاۋا ۋە پۇراقلار يۇقىرىغا يېتىپ بارىدۇ . مېڭىدىن كېلىدىغان ھۆللۈكلەرمۇ يەنە شۇ ھۆكۈنەك تۆشۈكلەر ئارقىلىق سىزىپ چىقىدۇ . مەزكۇر سۆڭەك تۆشۈكلىرىنىڭ ئەگرى _ _ بۈگرى بولۇشى سىرتتىن سۈمۈرۈلگەن ھاۋا ۋە پۇراقلارنى سەزگۈ ئەزالىرىغا بىردىنلا ئېلىپ بارماستىن ، بەلكى تەڭشەلگەن ھالەتتە ئېلىپ بارىدۇ . ئەگەر شىلىمشىق ۋە قويۇق خىلىتلار مەزكۇر تۆشۈكلەرنى توسىۋالسا بۇرۇن پۇراش سېزىمىنىڭ ھەرخىل دەرىجىدە ئاجىزلىشىشى ياكى يوقىلىشنى كەكتۈرۈپ چىقىرىدۇ .
    4. ئاتىشە ( سىفلىس ) كېسەللىكى تۈپەيلىدىن بۇرۇننىڭ كۆمۈرچەكلىرى ، سۆڭەكلىرى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلىرى بۇزۇلۇپ ، قاڭشار ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكتىن بۇرۇننىڭ پۇراش سېزىمى قىسمەن ئاجىزلىشىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىدۇ . 

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

    5. مېڭىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى ئوڭ _ سول ئىككى قىسمىدا ياكى پۇراق سېزىمىنى ھاسىل قىلىش مەركىزى بولغان قىسمىدا مىزاج ئۆزگىرىشى يۈز بەرگنلىكتىن پۇراش سېزىمنىڭ ئاجىزلىشىشى ياكى پۈتۈنلەي يوقىلىشى كېلىپ چىقىدۇ . بۇنداق خەشەم ھەقىقىي خەشەم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ .
    بۇنىڭدا مىزاجنىڭ ئىسسقتىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلگىرى ئىسىقلىق چارىلەرنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىىن بولىدۇ .
    مىزاجنىڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلۇشى كۆپىنچە ھاللاردا ئىلگىرى قۇرۇتقۇچى چارىلەرنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىن ياكى سەرسام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىزىتمىلىق كېسەللىكلەردىن كېلىپ چىقىدۇ .
    مىزاجنىڭ ھۆللۈكتىن بۇزۇلۇشى كۆپۈنچە ھاللاردا ئىلگىرى ھۆللەشتۈرگۈچى چارىلارنى كۆپ ۋە زىيادە قوللانغانلىقتىن كېلىپ چىقىدۇ .
    ئالامىتى
    1. بۇرۇن بەۋاسىردىن بولغان خەشەمدە بەۋاسىر ئوخشىمغان دەرىجىدە بۇرۇن تۆشۈكىنى توسىغان بولۇپ پۇراش سېزىمنىڭ ئاجىزلشىشىمۇ شۇڭا مۇناسىپ ھالدا ھەر خىل دەرجىدە بولىدۇ . بىمار دائىم دىمىقىنى قاقىدۇ ، دىمىقىدا سۆزلەيدۇ . ئېغىز ئارقىلىق نەپەس ئالىدۇ . بۇرۇن بەۋاسىرىنىڭ بەزىلىرى ئاقۇش رەڭدە ، بەزىلىرى قىزغۇچ رەڭدە بولىدۇ . بەزىلىرىدە ئاغرىش ۋە زەرداب ئېقىش ئەھۋاللىرى بولىدۇ . بەزىلىرى ئۇزىراپ بۇرۇندىن تاكى گالغىچە سوزۇلۇپ ، بۇرۇن تۆشۈكىنى پۈتۈنلەي قاپلاپ كېتىشىمۇ مۇمكىن .
    2. بۇرۇن ئۆسمىدىن بولغان خەشەمدە بۇرۇن بەۋاسىرىغا ئوخشاشلا بىمار بۇرۇن ئىچىدە بىر نەرسە قاپلىشىپ قالغاندەك ھېس قىلىدۇ ، دىمىقىدا سۆزلەيدۇ ، ئېغىز ئارقىلىق نەپەس ئالىدۇ ۋە شۇنىڭغا مۇناسىپ ھالدا پۇراش سېزىمى ئاجىزلاەيدۇ ياكى يوقىلىدۇ . ئۆسمىننىڭ ئۆزى يۇمشاق ، ھەجىمى چوڭراق بولۇپ نۇرغۇن ئىنچىكە تومۇرلىرى بولىدۇ . شۇڭ ( بەسىپايەچ ) دەپمۇ ئاتىلىدۇ ، ئۇلار بەزىدە يىرىڭلىق يارىغا ئايلىنىپ زەرداب ۋە ھۆللۈكلەر ئاقىدۇ . ھەتتا سەرتان ( راك ) غا ئايلىنىپ بۇرۇننىڭ شەكلىنى بۇزىدۇ .
    بۇرۇندىكى ئۆسمىنىڭ راكقا ئايلانغانلىقىنىڭ ئالامىتى شۇكى ، ئۇ قاتتىقلىشىدۇ ، ېز يوغىنايدۇ ، شۇ جايدىكى تومۇرلار كۆكىرىپ كېتىدۇ ، تارتىشىدۇ . ېسەل كىشى قاپاقنىڭ ئىچكى تەرىپىدە سوزۇلغاندەك بىرخىل سېزىم باركىقىنى ھېس قىلىدۇ .   
     كىنو ئۇچۇرلىرى 

    3. شىلىمشىق ۋە قويۇق خىلىتلارنىڭ بۇرۇن غەلۋىرسىمان سۈزگۈچ سۆڭەك تۆشۈكلىرىنى توسىغانلىقتىن بولغان خەشەمدە بۇرۇننىڭ تۆشۈلىرى كۆرۈشتى گەرچە ئوچۇق بولسىمۇ توسالغۇ بۇرۇننىڭ يۇقىرىراق قىسمىدا بولغاچقا مېڭىدىن كەلگەن ئارتۇق ھۆللۈكلەر بۇرۇندىن ئاقماس بولۇپ قالىدۇ . ئاغرىق دىمىقىدا سۆزلەيدۇ . ئاغرىق دىمىقىدا سۆزلىسە كېسەلنىڭ بۇرۇن يولىدە ؛ دىمىقىدا سۆزلىمىسە بۇرۇننىڭ يۇقىرى قىسمىدا يەنى مېڭىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .
    4. ئاتىشە ( سىفلىس ) كېسىلى تۈپەيلىدىن بولغان خەشەمدە بۇرۇن شەكلىنىڭ بۇزۇلغانلىقى ۋە قاڭشارنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كەتكەنلىكىنى قاراپلا بىلگىلى بولىدۇ . تەپسىلىي تەكشۈرگەندە بۇرۇن كۆمۈرچەكلىرى ، سۆڭەكلىرى ۋە يۇمشاق توقۇلمىلىرىنىڭ بوزۇلغانلىقىنى بايقىغىلى بولىدۇ .
    5. مېڭىدىكى پۇراق سېزىمىنى ھاسىل قىلىش مەركىزىنىڭ مىزاجى ئۆزگىرىشىدىن بولغان خەشەمدە بىمارنىڭ تاۋۇش چىقىرىش ئەھۋالىدا غەيرىي ئۆزگىرىش بولمايدۇ .
    مازجنىڭ ئىسسقتىن بۇزۇلۇشى خىلىت ( ماددا ) لىق بولسا ، مېڭىنىڭ ئوزۇقلۇقلارنى جەلبپ قىلىش ۋە تاشلاندۇلارنى چىقىرىۋېتىشكە كۈچى يەتمىگەنلىكتىن مېڭىدىن كەلگەن ھۆللۈك ئاز بولىدۇ . بۇرۇندىن خام ھۆللۈكلەر ( پوتلا ) ئاز كېلىدۇ . ھەمدە بىمار پىشانە ساھەسىدە ئېغىزلىق بارلىقىنى ھېس قىلىدۇ .
    مىزاجنىڭ قۇرۇقلۇقتىن بۇزۇلغانلىقتىن بولغان خەشەمدە سەرسام ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش قىزىتمىلىق كېسەللەرگە گىرىپتار بولغانلىق تارىخى بولۇشتىن سىرت بەدەندە قورۇقلۇق ئاشقان ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
    مىزاجنىڭ ھۆللۈكتىن بۇزۇلغانلىقىدىن بولغان خەشەمدە ھۆللۈك ئېشىپ كەتكەن ئالامەتلەر كۆرۈلىدۇ .
    داۋاسى
    1. بۇرۇن بەۋاسىردىن بولغان خەشە،نى داۋالاشتا ئەگەر بەۋاسىرنىڭ رەڭگى ئاقۇش بولۇپ ، ئاغرىمىسا داۋالاش ئوڭايراق ، قىزغۇچ رەڭدە بولۇپ رەڭگى بۇزۇق ، ئاغرىيدىغان بولسا داۋالاش تەسرەك بولىدۇ . بولۇپمۇ زەداب ئاقىدىغان دەرىجىگە يەتكىننى داۋالاش قىيىن .
    مڭۇناسىپ ئورۇنلارغا لوڭقا قويۇش ،ئاندىن ئىچىشكە ھەببى ئىيارەج بېرىپ ئىچشنى تازىلاش ، زەنكار ، شاخارلاردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن مەلھەم ياساپ ، پىلتىكۈچ ئارقىلىق ئارتۇق گۆش بار جايغا تىقىپ قويۇش لازىم . لېكىن ئىچكى ئەزالارنى بۇزۇق ماددىلاردىن تازىلاشتىن ئىلگىرى بۇرۇنغا ئۆتكۈر تەسىرلىك دورىلارنى ئىشلەتمەسلىك كېرەك . بۇرۇنقى دورىلار ئۈنۈم بەرمىسە مىس دېتى ، ئاق زاك ، قىزل زەرنىخلەرنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ سىركە بىلەن مەلچەم قىلىپ بۇرۇن ئىچىگە تىقىپ قويسا ، خۇددى تىغ بىلەن كېسىپ داۋالىغاندەك ئۈنۈم بېرىدۇ . ئەگەر بۇ دورىلار بىلەنمۇ ساقايمىسا خۇددى تىغ بىلەن كېسىپ داۋالىغاندەك ئۈنۈم بېرىدۇ . ئەگەر بۇ دورىلار بىلەنمۇ ساقايمىسا دەستىكارلىك بىلەن داۋالاش لازىم .  
     مۇزىكا ئۇچۇرلىرى 

    2. بۇرۇن ئۆسمىسىدىن بولغان خەشەمنى داۋالاشتا ئاۋۋال مۇۋاپىق كۇمۇلىلار، ئىيارەجلەر ئارقىلىق مېڭىنى تازىلاش ،ئاندىن ئۆسمىنى يۇمشىتىش ئۈچۈن ھوزۇز ، مۇرمىككى ، ھۆل زۇفا ، زەيتۇن يېغىنىڭ دۇغى ،  مەسەستانلارنى باراۋەر مىقداردا ھاجەتكە لايىق ئېلىپ ، ھۆليە ياكى زىغىر شىرىسى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ مەلھەم قىلىپ چېپىلىدۇ . ئۆسمە يۇمشىغاندىن كېيىن نەستەر بىلەن تىلىپ قان چىقىرىلىدۇ ياكى زۇلۇك قۇرۇتى قويۇلىدۇ ، ئەمما مەزكۇر ئۆسمە سەرتانغا ئايلانغان بولسا تىغ ئىشلەتمەسلىك ، شۇنىڭدەك گۆشخۇر ، ئۆتكۈر دورىلارنىمۇ ئىشلەتمەسلىك لازىم . چۈنكى سارتان ئۆسمىسى جاراھەتلەنسە پۈتۈپ ساقىيىشى قىيىن بولۇپلا قالماي ئەكىسچە تېخىمۇ تېز تەرەققىي قىلىدۇ . ھەتتا قاتتىق ئاغرىپ مېڭە پەردىسىگە تەسىر كۆرسىتىپ ئۆلۈم ھادىسسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . پەقەت سەرتان ئۆسمسىنىڭ قاتتىقلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن مۇۋاپىق مىقداردىكى زىغىر ، كۈنۈچە ( بىر خىل رەيھان ) ئۇرۇقىنىڭ شىرسىنى چىقىرىپ مۇۋاپىق مىقداردا كۈنجۈت يېغى ، ئاق موم ئېلىپ مومنى ئالدى بىلەن كۈنجۈت يېغىدا ئېرىتىپ ، ئاندىن باشقا دورىلارنى ياخشى ئارىلاشتۇرۇپ قىروتى تەييارلاپ ، شۇ جىروتىنى داۋاملىق ئىشلىشىش كېرەك . يەنە مەئجۈنى تۇجاھ ۋە مەتبۇخى ئەفتىمۇن قاتارلىقلارنى ئەھۋالغا قاراپ بېرىش لازىم .
    3. بۇرۇن غەلۋىسىمان سۈزگۈچى سۆڭەك تۆشۈكلىرىنىڭ  توسالغانلىقىدىن بولغان خەشەمنى داۋالاشتائالدى بىلەن خىلىتنى يۇمشىتىش ، مېڭىنى تازىلاش لازىم . ئاندىن سىياھدان ، پۇدىنە ، شەھمى ھەنزەل قاتارلىق  خلىتىلارنى  يۇمشاتقۇچى دورىلارنى يەككە ھالدا ياكى بىرلەشتۈرۈپ بۇرۇنغا تېمىتىش ، يەنە خىلىتنى يۇمشاتقۇچى دورىالرنى قاينىتىپ بۇرۇنغا ئېلىش ( نۇتۇل قىلىش ) لازىم .
    ئەگەر ، بۇرۇنغا تېمىتىدىغان دورىنى تېخىمۇ ئىچكىرىگە يەتكۈزۈش لازىم بولسا ، زۆرۈر كەلگەندە تۆۋەندىكى ئۇسۇلدىن پايدىلىنىش مۇمكىن : كېسەل كىشى ئاغزىغا لىق سۇ ئېلىپ ،  بېشىنى ئارقىغا ئېلىپ ئولتۇرىدۇ . دورا تېمىتىلغاندىن كېيىن ئىلاجى بار چوڭقۇرراق نەپەس ئالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن دورا تېمىتىلغاندىن كېيىن ئىلاجى بار چوڭقۇرراق نەپەس ئالىدۇ . بۇنىڭ بىلەن دورا دېگەن جايىغا يېتىپ بارالايدۇ .
    4. ئاتىشە ( سىفلىس ) تىن بولغان خەشەمنى داۋالاشتا ئالدى بىلەن بۇزۇق خىلىتىلارنى تازىلاش ئۈچۈن مۇنزىج دورا بېرىلىدۇ . بۇنىڭ ئۈچۈن سوقا چىلان ، يەر باغرى ئوت ، قارا ھەلىيلە ، ئاق ۋە قىزىل سەندەل ، قۇرۇق خېنە ، قەسبۇزەرىرە ، نۆشۈدۈرلەرنىڭ ھەر بىرىدىن 18 گرام ئېلىپ چالا سوقۇپ بىر كېچە قايناقسۇغا چىلاپ تېتىقىنى چىقىرىپ تەمى تەڭشەلگۈدەك ھەسەل قوشۇپ ئىچكۈزۈلىدۇ .ئاندىن كېيىن سىمابتىن ياسالغان كۈچلۈك دورىلار ئىشلىتىلىدۇ .
    1) ھەببى سىماب : بۇنى كېسەل كىشىنىڭ ياش قۇرامىغا قاراپ بىر  قېتىمدا 10 كۇمۇلاچتىن ئىچىشكە قەدەر يەتكۈزۈلىدۇ . لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش لازىمكى ، سىماب ۋە ئۇنىڭ كۇشتىلىرىدىن ياسالغان دورىلار زەھەرلىك بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇلارنى ئىشلتىش مىقدارىغا قاتتىق دىققەت قىلىش لازىم . تەجرىبىلەرگە قارىغاندا سىمابلىق دورىلار چىشقا زىيان يەتكۈزىدۇ . شۇڭا ئۇلارنى ئىشلەتكەندە ئېغىز ئىچىنىڭ تازىلىقىغا ئادەتتىكىدىن تاشقىرى ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك .
    2) مەئجۈنى چۆپچىنى : ھەر كۈنى ئەتىگەن _ ئاخشامدا 10 گرامدىن ئىستېمال قىلىنىدۇ .
    3) ھەببى كىبرىت : ئون ياشتىن يۇقىرىلارغا 7تالدىن 10 تالغىچە ، بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا ئازايتىپ بېرىلىدۇ .
    سىرتتىن چېپىش ئۈچۈن مەلھىمى چۆپچىنى ، مەلھىمى شىڭرىپ ئىشلەتسە بولىدۇ . جاراھەت يۇمشاپ ئېغىز ئالغاندىن كېيىن سۇفۇفى سىماب سېپىپ بېرىلسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى .
    ئىچىش ئۈچۈن يەنە ئەرىقى چۆچىنىنى كۈندە 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 300 مىللىلتىردىن ، ئەرىقى شاھتەررەنى كۈندە 3 قېتىم ، ھەر قېتىمدا 50 مىللىلىتردىن ئىچسە بولىدۇ .
    5. مېڭىدىكى پۇراق سېزىمىنى ھاسىل قىلىش مەركىزىنىڭ مىزاجى ئۆزگىرشىدىن بولغان خەشەمنى داۋالاشتا مىزاج خىلىت ( ماددا ) سىز ئۆزگەرگەن بولسا ، مىزاجنى ئوڭلاشقا ئائىت مۇناسىپ ئۇسۇل _ چارە ۋە دورىلارنى قوللانسا بولىدۇ . مىزاج خىلىت ( ماددا ) لىق ئۆزگەرگەن بولسا ، ئالدى بىلەن ماددىنى پىشۇرغۇچى ، تازىلىغۇچى دورىلارنى ئىشلەتكەندىن كېيىن مىزاجنى تەڭشىگۈچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم .
     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398    272794174
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ