1. گىرىمنى تازىلىۋەتمەي ئۇخلاش. گىرىم قالدۇقلىرى تەر تۆشۈكچىلىرىنى ئېتىۋېلىپ، دانىخورەك پەيدا قىلىدۇ. قىچىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا ئۆيگە قايتقاندىن كېيىن، ئەڭ ياخشىسى گىرىمنى تازىلىۋېتىش، ئۇخلاشتىن ئىلگىرى يۈزىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىپ، ئاندىن يېتىش كېرەك.
2. بەدەنگە ئىشلىتىدىغان سوپۇن بىلەن يۇيۇش. يۈزنىڭ تېرىسى ناھايىتى سەزگۈر بولغاچقا، بەدەنگە ئىشلىتىلىدىغان سوپۇن بىلەن يۈزنى يۇيسا، يۈزدىكى تەبىئىي ماينى چىقىرىۋېتىشى مۇمكىن. شۇڭا يۈزنى نېيتراللىق سوپۇن بىلەن يۇيۇپ، يېنىك ئۇرۇپ قۇرۇتۇش كېرەك.
3. پاسكىنا قول بىلەن گىرىم قىلىش، گىرىمنى سۈرتىۋېتىش ۋە يۈز يۇيۇش. پاسكىنا قول باكتىرىيە تارقىتىدۇ ھەمدە پەرداز بويۇملىرىنى بۇلغاپ، ئۇنىڭ سۈپىتىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. شۇڭا، گىرىم قىلىشتىن ئاۋۋال بۇلۇت، پاختا قاتارلىق نەرسىلەر بىلەن قولنى پاكىز يۇيۇش لازىم. سىقماقلارغا قاچىلانغان گىرىم بويۇملىرى نىسبەتەن ياخشىراق. چۈنكى ئۇنىڭدا بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ. گىرىم بويۇملىرىنى، بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمىنى باشقىلار بىلەن ئورتاق ئىشلەتمەسلىك كېرەك.
4. دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى قول بىلەن سىقىش. بۇ خىل ئادەت ناھايىتى ئاسان يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ۋە تاتۇق ئىزلىرىنى پەيدا قىلىدۇ. شۇنداقلا ياشلىق چېچىكىنىڭ يۈزدە تۇرۇش ۋاقتىنى ئۇزارتىۋېتىدۇ، ھەتتا يۈزنى قاتتىقراق سۈرتسىمۇ دانىخورەك چىقىدىغان قىلىپ قويىدۇ. شۇڭا، ئەڭ ياخشىسى يۈزنى ماي سۈمۈرىدىغان قەغەز بىلەن ئېرتىش لازىم. كۆزەينەكنىڭ يۈزگە تېگىپ تۇرىدىغان يېرىنى ئىسپىرت بىلەن پاكىز سۈرتۈپ تۇرۇش، دانىخورەك ۋە ياشلىق چېچىكىنى دورا ئارقىلىق داۋالاش لازىم.
5. سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كەتكەن گىرىم بويۇملىرىنى تاشلىۋېتىشكە كۆزى قىيماسلىق. گىرىم بويۇملىرىنىڭمۇ يېمەكلىكلەرگە ئوخشاشلا ئىشلىتىش ۋاقىت چەكلىمىسى بولىدۇ. ناۋادا بۇلغىنىپ قالسا، ئاسانلا سۈپىتى ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ. شۇڭا، گىرىم بويۇملىرىنى ھەر يېرىم يىلدا بىر قېتىم تازىلاپ تۇرۇش كېرەك. بولۇپمۇ كىرپىك مەلھىمى بىلەن كۆزگە ئىشلىتىدىغان سۇيۇق گىرىملەرگە ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك. ئۇپا ھەم سۇيۇق ھالەتتىكى بويۇملارنىمۇ يىلدا بىر قېتىم ئالماشتۇرۇش كېرەك. لەۋ گىرىمىنى بىرەر يىل ئىشلەتكەندىن كىيىن رەڭگى ئاسانلا ئۆزگىرىپ كېتىدىغان بولۇپ قالىدۇ. ئۇپا ۋە تاش ئۇپىنى نىسبەتەن ئۇزۇنراق ساقلىغىلى بولىدۇ. ئەمما پۇرىقى ۋە رەڭگى ئۆزگىرىپ قالسا، دەرھال تاشلىۋېتىش، قايتا ئىشلەتمەسلىك كېرەك.