1. بالىنى مېھماندارچىلىققا ئېلىپ بارغاندا ، ساھىبخان بالىڭزغا بىرەر بىرەر نەرسە تەڭلىسە ، ئۇ نەرسىنى بالىغا ۋاكالىتەن قوبۇل قىلىش ياكى رەت قىلىش توغرا ئەمەس ، بالىنىڭ ئۆزىنىڭ پىكىرىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك .
2. باشقىلار بالىڭىز ئالدىدا خۇسۇسىي ئىشلىرىڭىزنى سۈرۈشتە قىلغاندا جاۋاپ بېرىش بىئەپ تۇيۇلسا ھەرگىز يالغان سۆزلىمەڭ . بۇنداق ئەھۋالدا سأزنىڭ تېمىسىنى ئەپچىللىك بىلەن باشقا تەرەپلەرگە يۆتكىۋېتىش كېرەك .
3. ئۆيگە مېھمان كەلگەندە ، ئاتا - ئانا ئالدى بىلەن بالىغا مېھماننى قانداق ئاتاشنى چۈ شەندۈرۈش كېرەك . ھەرگىز بالىنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇپ ، ئۆز پارىڭىغا چۈشۈپ كەتمەسلىكى كېرەك .
4. مېھمانلار بالىنىڭ تەرىپىنى قىلغاندا ، ئاتا - ئانىلار ھەرگىز بالىنى ئالدىغا چاقىرىپ ئارتۇقچىلىقلىرىنى ئىپادىلەشكە ئۈندىمەسلىكى كېرەك . بالىنىڭ ياخشى خىسلىتى يەنىلا تەبىئىي يوسۇلدا ئىپادىلەنگىنى ياخشى .
5. ئاتا - ئانىلار بالىلىرىنى مېھماندارچىلىققا ئېلىپ بارغاندا ياكى ئۆيگە مېھمان كەلگەندە گەپ ئاڭلىماي جېدەل قىلسا ، بالىغا ياخشى سۆز بىلەن نەسھەت قىلىش ، ھەرگىزمۇ باشقىلار ئالدىدا ئۇرۇپ تىللىماسلىق كېرەك .
6. ئادەتتە بالىڭىزغا باشقا بالىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقلىرىنى سۆزلەپ بېرىشىڭىز كېرەك . چۈ نكى بالىلاردا تەڭقۇرلىرىدىن ئېشىپ چۈ شۈش روھىي ھالىتى كۈچلۈك بولىدۇ . شۇنداق قىلغاندا بالىلارنىڭ يامان ئىللەتلىرىنى تاشلىشىغا ياردىمى بولىدۇ .
7. تونۇش - بىلىشلەرنىڭ ئۆيلىرىگە بارغاندا ، ئۇلار ئالدىدا بالىنىڭ ئۈستىدىن داتلىماسلىق كېرەك .