بەك كۆپ ئۇخلاش: بەك كۆپ ئۇخلىغاندا، مېڭە ئۇيقۇ مەركىزىنىڭ يۈكى ئېغىرلىشىپ، فىزىئولوگىيەلىك ماددا ئالمىشىش پائالىيىتىئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قېلىپ، ئادەمنىڭ ھەر خىل سەزگۈ ئىقتىدارى چېكىنىدۇ ھەمدە سۆڭەك مۇسكۇللىرى بوشىشىپ، ئادەمنىڭ ئىممونېتىت ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدۇ. بولۇپمۇ، قان ئايلىنىشنىڭ ئاستىلىشى تۈپەيلىدىن، يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ تۇيۇقسىز قوزغىلىشى ياكى سەكتە(شامالدارىش) قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن .
تاماقنى بەك كۆپ يېيىش: تاماقنى بەك كۆپ يېگەندە، ئاشقازان بەك كېڭىيىپ كېتىپ، ئاشقازاننىڭ لۆمۈلدەش ھەرىكىتى ئاستىلاپ، ھەزىم قىلىش سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىپ چىقىشى يېتەرلىك بولماي، يېمەكلىكلەر تولۇق ھەزىم بولمايدۇ، بۇنىڭ بىلەن ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىنىڭ توسالغۇغا ئۇچرىشىدەك يامان ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۈمكىن.
ھاراقنى بەك كۆپ ئىچىش: ھاراقنى بەك كۆپ ئىچكەندە، جىگەر، تال ۋە ئاشقازاننى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئۇزۇن مۇددەت ھاراق ئىچكەندە، ئىسپىرت ئادەم تېنىدە كۆپ مىقداردا جۇغلىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئاستا خاراكتېرلىك ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىپ نېرۋىلار پالەچلىنىدۇ. يەنە ئادەمتېنىنىڭ ماددا ئالماشتۇرۇش رولى قالايمىقانلىشىپ، ئادەمنىڭ قېرىشىنى تېزلەشتۈرىۋېتىدۇ .
دائىم تىرناقنى چىشلەش: تىرناق ۋە تىرناق ئۇچىدا باكتېرىيە بىرقەدەر كۆپرەك. شۇڭا، دائىم تىرناقنى چىشلىگەندە، كۆپلىگەن كېسەللىك باكتىرىيلەرى ئېغىزغا كىرىپ، ئېغىز بوشلۇقى ياكى چىش يۇقۇملىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئېغىر بولغاندا، ھەتتا ھەزىم قىلىش يوللىرى يۇقۇملۇق كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
دۈم يېتىپ ئۇخلاش: ھەمىشە دۈم يېتىپ ئۇخلىغاندا، ئومۇرتقا تۈۋرىگىنىڭ شەكىلى ئۆزگىرىدۇ. مۇسكۇل ۋە پەيلەر تولۇق بوشاشماي، كۆكرەك، يۈرەك، ئۆپكە ۋە يۈز قىسىملىرى بېسىمغا ئۇچراپ قىسىلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئويغانغاندا بىئارام بولۇش ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ ھەم ئۇيقۇنىڭ سۈپىتىگىمۇ تەسىر يېتىدۇ.
بەك قېنىق چاي ئىچىش: قېنىق چاي ئاشقازان شىللىق پەردىلىرىنىڭ قىسقىرىشى، ئاقسىلنىڭ قېتىۋېلىشى، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجىزلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يەنە ھەزىم قىلىشقا، تۆمۈرنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە ھەم ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ. چايتەركىبىدە ئاز مىقداردا فىتور ماددىسى بولغاچقا، دائىم قېنىق چاي ئىچكەندە، چىشنىڭ رەڭگىنى ئۆزگەرتىۋېتىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا،بۇغۇملارنىڭ شەكلىنى ئۆزگەرتىپ، پالەچلىكنى پەيدا قىلىشى مۈمكىن.
دائىم كۆزنى ئۇۋۇلاش: دائىم كۆزنى ئۇۋۇلىغاندا، قولدىكى كېسەللىك باكتېريىسى كۆزگە ئاسانلا كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن كۆز قىزىرىش(بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى)، يىڭنە ئاسقۇ قاتارلىق كېسەللىكلەرنى پەيدا قىلىدۇ. ئەگەر ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆزگە بىرەر نەرسە كىرىپ كېتىپ، كۆز قىچىشسا، كۆز دورىسى تېمىتسا چىقىپ كېتىدۇ ياكى دوختۇرغا كۆرۈنسىمۇ بۇلىدۇ.
بەدەننى بەك كۈچەپ سۈرتۈش: ئادەم بەدىندىكى تېرە ھۈجەيرىلىرى كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە زىيانلىق نۇرلارنىڭ بەدەنگەكىرىشىنى تۇسۇيدىغان ‹‹تەبىئىي توساق››تىن ئىبارەت. ئادەم يۇيۇنغاندا، بەدەننى بەك كۈچەپ قاتتىق سۈرتكەندە، تېرە زەخمىلىنىپ،كېسەللىك باكتېرىيەسى ۋە زىيانلىق نۇرلار زەخمىلەنگەن ئۇرۇندىن كىرىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئادەم ئاسانلا تۈك خالتا ياللۇغى، چىقان ئىششىقى ھەتتا قان چىرىش كېسىلى قاتارلىقلارغا گىرىپتار بۇلىدۇ. شۇڭا يۇيۇنغاندا بەدەننى يېنىك سۈرتۈش، ھەرگىزمۇ كۈچەپ سۈرتمەسلىك، شۇ ئارقىلىقتېرە زەخمىلىنىشتىن ساقلىنىش كېرەك.