ئاياللار ئەرلەرگە قارىغاندا ناھايىتى كۆپ سەزگۈ ئىقتىدارلىرىغا ئىگە بولىدۇ. ئەنە شۇ ئىقتىدارلار تۈپەيلىدىن ئۇلار باشقىلاردىكى كىچىككىنە ئۆزگىرىشلەرنىمۇ ناھايىتى تېز پەرق ئېتەلەيدۇ. ئۇلار پەرزەنتلىرىنىڭ غايىسى، ئارزۇلىرى، ھەتتا قانداق تەسىراتلاردا بولىۋاتقانلىقىنىمۇ سېزىپ تۇرالايدۇ. ئەمما، ئەرلەردە بۇنداق ئىقتىدارلار ئاجىز بولىدۇ.
ئاياللار تۇغما كەڭ دائىرىلىك كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆرۈش تور پەردىسى ئەرلەرنىڭكىدىن كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئادەتتە ئاياللار ئەتراپىدىكى شەيئىلەرگە بىر قاراپلا ئۇلارنى روشەن كۆرەلەيدۇ. ئەمما ئەرلەر بولسا تۇربىسىمان كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار يىراقتىكى نىشاننى ياخشى كۆرەلەيدۇ، ئەمما ئۆز ئەتراپىدىكى شەيئىلەرنى ئاياللاردەك ئاسان كۆرەلمەيدۇ.
تىل سەزگۈسى جەھەتتە ئاياللار ئىنچىكە تەپسىلاتلارغا ناھايىتى سەزگۈر كېلىدۇ. بىرەر سورۇندا ئولتۇرغاندا، سورۇندىكىلەرنىڭ گەپ سۆزلىرىدىنلا ئاشۇ كىشىلەرنى خېلى ياخشى چۈشىنىپ كېتەلەيدۇ، ئەرلەردە بولسا بۇنداق سەزگۈ ئاجىز بولىدۇ.
ئاڭلاش ئىقتىدارى جەھەتتە ئاياللارنىڭ ئاڭلاش سەزگۈسى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. شۇڭا كېچىلىرى بوۋاق يىغلاپ كەتسە ھەمىشە ئاياللار ئويغىنىپ كېتىدۇ. ئەمما ئەرلەردە بونداق سەزگۈلەر ئاجىز بولىدۇ.
تېگىش سېزىمى جەھەتتە: ئاياللارنىڭ بۇ خىل سېزىمى ئەرلەرنىڭكىدىن ئون ھەسسە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇڭا ئاياللار يېقىن كىشىلىرىنى قىزغىن باغرىغا باسىدۇ.
تەم ۋە پۇراش ئىقتىدارى جەھەتتە: ئاياللارنىڭ پۇراش ۋە تەم سەزگۈسى ئەرلەردىن ئۆتكۈر بولىدۇ. شۇڭا ئۇلار يېمەكلىكلەرنىڭ تەمىنى تېتىش ۋە پۇراشتا ھامان ئەرلەردىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
سۆزلەش ئىقتىدارى جەھەتتە: ئاياللارنىڭ سۆزلەش ئىقتىدارى ئەرلەردىن يۇقۇرى بولىدۇ. ئۇلار بىر كۈندە 6000 ئېغىزدىن 8000 ئېغىزغىچە سۆزنى ھىچقانچە كۈچىمەيلا سۆزلەيدۇ. ئەرلەرنىڭ تىل ئىشلىتىشى ئاياللارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىغا توغرا كېلىدۇ.