
ئاپتاپتا كۆيۈش قېتىم سانى قانچە كۆپ بولسا ،تېرىنىڭ زەخمىلىنىشى شۇنچە ئېغىرلايدۇ .بۇلۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ تېرىسىنىڭ تەبئىي ئەسلىگە كېلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك ئەمەس .ئەگەر يۈز تېرىسىنى ئاپتاپتا كۆپ قېتىم كۆيسە ،ئادەم بەدىنى ھۈجەيرىلىرىدە ئۇشتۇمتۇت ئۆزگۈرۈش پەيدا بۇلۇپ ،تېرە راكىغا گىرىپتار بۇلۇشى مۇمكىن .قۇياش نۇرى ئادەم تېرىسىنى ئۆلچىگەندە ،ئادەمنىڭ باش ،يۈز ،بويۇن ،قول تېرىسىنىڭ ئولتۇرا بىنەپشە نۇرىنى قۇبۇل قىلىش مىقدارى ئەڭ يۇقۇرى بولىدۇ .تەڭگىسىمان ھۈجەيرە راكى ئاساسەن مۇشۇ ئەزەرالاردا كۆپ كۆرۈلىدۇ . شۇڭلاشقا يازدا كۈن نۇرىدا زىيادە قاقلىنىشتىن ساقلىنىش لازىم .بۇلۇپمۇ ياشانغانلارنىڭ سىرتقا چىققاندا كۈنلۈك ئېلىۋېلىشى ،شىلەپە كېيىشى ،ئۇزۇن يەڭلىك كىيىملەرنى كىيىۋېلىشى كېرەك .چۈنكى ئولتۇرا بىنەپشە نۇر ئوچۇق رەڭلىك كىيىملەردىن تېز قۇبۇل قىلىندۇ .