
ئاپلېسىن پۇرىقى :بېسىمنى يېنىكلىتىپ ،ئادەمنى تېنىچلاندۇرىدۇ .تەتقىقات نەتىجىسىگە قارىغاندا ،كىشىلەر ئاپلېسىننىڭ پۇرىقىنى پۇرىغاندىن كېيىن بېسىمىنى شۇ ھامان يېنىكلىتىپ قالغاندەك ھېس قىلغان .بىر كۈن تېنىچ ھالەتنى ساقلىماقچى بولسىڭىز بىر قۇتا ئاپلېسىن پۇراقلىق پۈركۈگۈچ سېتىۋېلىپ ،ئەتىگەندە ۋە چۈشتىن كېيىن ئىشخانىڭىزغا چېچىپ قويۇڭ.
ئالما پۇرىقى :ئورۇقلاشقا پايدىلىق .تەتقىقات نەتىجىسىدە ئېغىرلىقى ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەنلەر ،ئالمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىغان كىشىلەرنىڭ ئشتىھاسىنى كونتىرول قىلىنىپ،ئورۇقلاش ئۈنۈمى ئالمىنىڭ پۇرىقىنى پۇرىمىغان كىشىەرنىڭكىدىن ياخشى بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن .شۇڭا ئۇششاق -چۈششەك يېمەكلىك يىگۈڭىز كەلگەندە ئالمىنىڭ پۇرىقىنى پۇراپ بېقىڭ .
يالپۇز پۇرىقى :جىسمانىي كۈچنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ .تەتقىقات نەتىجىسىدە كۆرسىتىلشچە ،يالپۇزنىڭ پۇرۇقىنى پۇرىغان ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ يۈگۈرۈش سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولغان .بىر كۈن ئىشلەپ ،كەچتە يەنە زىيا پەتكە بارماقچى بولسىڭىز ،يالپۇز پۇراقلىق پۈركۈگۈچنى چېچىپ بېقىڭ ،ھارغىنلىقىڭىز يوقاپ كېتىشى مۇمكىن .