ئاپلېسىن شۆپىكىنى چىلاپ قويغان سۇدا ئەۋرەز يولىنى يۇيسا غەيرى پۇراق يوقايدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ،ئاپلېسىن شۆپىكى چىلاپ قويۇلغان سۇدا ئىشكاپ ،ئەينەكلەرنى سۈرتسە ئۈنۈمى ناھايىتى ياخشى بولىدۇ. كەرەپشىنى پاكىز يۇيۇپ سۈيىنى ئېقىتىۋەتكەندىن كېيىن بولكا قاچىلانغان خالتىغا مۇۋاپىق مىقداردا سېلىپ قويسا بولكىنى يېڭى پېتى ساقلاشقا پايدىسى بولىدۇ . ئادەتتە كۆڭلەكنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىنىڭ ئۇچى بەكرەك مەينەت بولىدۇ ھەمدە كىرىنى چىقىرىشىمۇ تەسرەك ،بۇنداق ۋاقىتتا كىيىمنى سۇغا بىردەك چىلاپ قويۇپ كىيىمنىڭ ياقىسى بىلەن يېڭىنىڭ ئۇچىغا ئازراق چىش پاستىسى سۈركەپ چوتكا بىلەن بىر ،ئىككى مىنوت يېنىك چوتكىلاپ پاكىز سۇدا چايقىۋەتسەك ،ئاندىن ئادەتتە كىيىم يۇيغاندەك بىر قاتار يۇيۇۋەتسەك پاكىزە بولىدۇ.
|