ھامىلدار بولۇپ تاماق يېگۈسى كەلمىگەندە ،ئازراق زەنىجىۋىل ئىستىمال قىلسا كۆڭۈل ئېلىشىش توختاپلا قالماي يەنە ئىشتاھا ئېچىلىدۇ.بىراق زەنجىۋىلنى كۆپ يېيىش ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە يامان تەسىر پەيدا قىلىشى ھەتتا ھامىلىنىڭ تۇنجۇقۇپ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن.
28ياشلىق لى خانىم ھاملىدار بولۇپ 8ئاي بولغاندا ئۇ تۇيۇقسىز ھامىلىنىڭ مېدىرلىمىغانلىقىنى بايقىغان.ئۇدەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتكەندە ھامىلىنىڭ قورساقتا ئۆلۈپ بولغانلىقىنى بايقىغان.كۆڭلى يېرىم بولغان لى خانىم ھەرقانچە قىلىپمۇ بۇنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمىگەن.
خۇاجوڭ پەن -تېخنىكا ئۇنۋېرسىتى قارمىقىدىكى توڭجى دوختۇرخانىسى ئاياللار بۆلۈمى مۇتەخەسسى سېڭ پىراففىسۇردىئاگنۇز قويغاندا لى خانىمنىڭ چىلانغان زەنجىۋىلنى كۆپ يەيدىغانلىقىنى بايقىغان.
ئۇنىڭ قورسىقىدىكى ھامىلىنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغىنى دەل مۇشۇ ئىشتاھا ئاچىدىغان زەنجىۋىل ئىكەن.خېبىېيلىك جۇڭيى دوختۇرى قەدىمقى كىتابىدا «زەنجىۋىلنى كۆپ يېيىش سەۋەبلىك ھامىلىنىڭ ئۆلۈشى پەيدا بولغان »كېسەللىك خاتىرىسىنى خاتىرىلىگەن.سېڭ پىراففىسۇرنىڭ چۈشەندۈرىشىچە ،زەنجىۋىل دورا خاراكتىرلىك بولۇپ مۇۋاپىق ئىستىمال قىلغاندا ھەقيقەتەن ئىشتاھانى ئاچىدىكەن.
بىراق كۆپ يېيش ئۈچەي يوللىرىدا كۆپ مقداردا قاناشنى پەيدا قىلىپ ،قان تومۇرلىرىنى كېڭەيتىپ ،ئەسلىدىنلا ھاملىگە جىددىي تەمىنلىنىۋاتقان قان ئۈچەي يولىغا كېتىپ قىلىپ بالا ھەمرىيدا قان كەمچىل بولۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.بۇنىڭ بىلەن ھاملىدە ئوزۇقلۇق كەمچىل بولۇش سەۋەبىدىن ھاملىنىڭ يېتىلىشى ياخشى بولمايدۇ،ۋاقت ئۇزارغاندا ھامىلە قاندىكى ئوكسىگىن ئازلىقى سەۋەبىدىن باش سۈيىنى ئىچىۋېلىپ تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالىدۇ.
ھامىلە قانچە چوڭ بولسا ئېھتىياجلىق قانمۇ شۈنچە كۆپ بولغاچقا خەتەرنىڭ يۈز بېرىش ئېھتىماللىقىمۇشۈنچە چوڭ بولىدۇ.شۇڭا ھامىلىدار ئاياللار بولۇپمۇ ھامىلە يېشى چوڭراق بولغان ئاياللار كۈتۈلمىگەن ھادىسىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئامال بار زەنجىۋىل،كاۋاۋىچىن قاتارلىق غىدىقلاش كۈچى كۈچلۈك يېمەكلىكلەرنى ئاز ئىستىمال قىلىشى كېرەك.