پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • چىرايلىق ئاياللار
  • ئاياللار بىر قېتىم تۇغسا...
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ھېسسىياتچان كېلىدۇ ؟
  • بالىلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنى ئوينىشى
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • مۇئاشىغىلا تايىنىۋالماي قوشۇمچە پۇل تىپىشنى ئويلايدى ...
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • بوۋاقلار زۇكام بولغاندا ئۆيدە داۋالاش پىرىنسىپلىرى
  • بالىسى بار ئاياللار
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • ئاياللار جىنسى ئەزا ئاناتومىيسى
  • سېمىز ئاياللار پەس پاشنىلىق ئاياغ كىيمەسلىكى كېرەك
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  • ئاغرىتىپ ھەيز كېلىشنىڭ داۋاسى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • قورساق قىسمى يوغىناپ كېتىش ئاياللارنى دىئابىت قىلىپ ق ...
  • ھۆسن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت
  • بالىلار دائىم سۈت ئىچسە،ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىر ...
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • بالا تەربىيىسىدە مۇنۇ ئىشلار سەمىڭىزدە بولسۇن
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى
  • بالىلار تاماقنى ئاز يىسە قانداق قىلىش كىرەك ؟
  • بالىڭىزنى ئۇرۇشتىمۇ « ئىلمىي » بولۇڭ
  • بالىڭىزغا ئۈچ ياشتىن ئىلگىرى تېلېۋىزور كۆرسەتمەڭ
  •  
    ھامىلىدار ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ئىشلار
    يوللىغان ۋاقىت:2010-07-15 ئاۋاتلىقى:4857
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

      1. ھامىلىدار ئاياللار سەيلە قىلىپ بەرسە پايدىلىق. بەزى ئاياللار ھامىلىدار بولغاندىن كېيىن ھەرىكەت قىلىشى قۇلايسىز بولغاچقا، كۈن بويى ئۆيدىن چىقمايدۇ، ئاز ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە بويىدىن ئاجراپ كېتىش خاھىشى بار بەزى ئاياللاردىن باشقا ھامىلىدار ئاياللار ھەر كۈنى ئەتىگەن ۋە كەچتە مەلۇم ۋاقىت سەيلە قىلىشنى تاكى بۇنى بالا تۇغۇلغانغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە، تۇغۇتقا پايدىلىق.
        2. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە تۆمۈر، سىنك تولۇقلاش زۆرۈر. تۆمۈر قان قىزىل ئاقسىلىنى بىرىكتۈرۈشكە زۆرۈر ماددا. تۆمۈر يېتىشمىسە، ئاسانلا تۆمۈر يېتىشمەسلىكتىن بولغان كەم قانلىق كۆرۈلىدۇ. سىنك ھامىلىنىڭ مېڭىسى ۋە نېرۋا سىستېمىسىنىڭ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ئاساسىي زۆرۈر ئېلېمېنت. ئادەتتە تۆمۈر بىلەن سىنكنى بىللە تولۇقلىغاندا، سىنكنىڭ بەدەنگە سۈمۈرۈلۈشىگە توسقۇنلۇق قىلىدۇ. شۇڭا تۆمۈر تەركىبلىك يېمەكلىكلەر بىلەن سىنك تەركىبلىك يېمەكلىكلەرنى ئايرىم ئىستېمال قىلىش لازىم.
        3. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە زىيانلىق. ھامىلىدار ئاياللار دائىم ئېغىزى قۇرۇغاندەك ھېس قىلىپ، سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچىدۇ. ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە ئاياللارنىڭ ئاشقازان – ئۈچەي يوللىرى سوغۇق نەرسىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا نىسبەتەن سەزگۈر بولىدۇ. سوغۇق ئىچىملىكلەرنى كۆپ ئىچسە، ئاشقازان – ئۈچەي قان تومۇرلىرى تۇيۇقسىز تارىيىپ، ئاشقازان سۇيۇقلۇقىنىڭ ئاجرىلىشى ئازىيىپ، ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى ئاجىزلىشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىشتىھاسىزلىق، ھەزىم قىلىش ناچارلىشىش، ئىچ سۈرۈش، ھەتتا ئاشقازان تارىيىش، قورساق قاتتىق ئاغرىشقا سەۋەب بولىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار سوغۇق ئىچىملىكنى كۆپ ئىچسە، ھامىلىگىمۇ پايدىسىز بولۇپ، ھامىلە تىنچسىزلىنىدۇ، بۇ، ھامىلىنىڭ يېتىلىشىگە ناچار تەسىر كۆرسىتىدۇ.
        4. ھامىلىدار ئاياللار يەلقازان تامىقى ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. يەلقازان تامىقى يېيىشتە كىشىلەر ھەمىشە گۆش پارچىلىرى، كۆكتاتلارنى قايناۋاتقان شورپىغا چىلاپ ئېلىپلا يەيدۇ. بۇنداق قىلغاندا گۆش، كۆكتات تەركىبىدىكى پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى ئۈچەي دىۋارى ئارقىلىق قانغا ئۆتۈپ، پۈتۈن بەدەنگە تارقىلىدۇ. بۇنىڭ بىلەن پارازىت قۇرت لىچىنكىلىرى بالا ھەمرىيىدىن  ئۆتۈپ ھامىلىنى يۇقۇملاندۇرىدۇ، ئېغىر بولغاندا، ھامىلە ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىدۇ، ھامىلە قورساقتا ئۆلۈپ قالىدۇ ياكى ھامىلە مېڭىسىنىڭ يېتىلىشى توسقۇنلۇققا ئۇچراپ، ھەر خىل غەيرىيلىكلەر كۆرۈلىدۇ.
        5. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى ئىچسە زىيانلىق. كولا ئىچىملىكىنىڭ تەركىبىدە كوففېئىن كۆپ بولۇپ، ھامىلىگە ناچار رېئاكسىيىلەرنى كەلتۈرۈشى مۇمكىن. ھامىلە كوففېئىنغا سەزگۈر كېلىدۇ. ھامىلىدار ئاياللار كولا ئىچىملىكىنى كۆپ ئىچسە، كوففېئىن ھامىلە قېنى ئارقىلىق ھامىلىنىڭ تېنىگە تەسىر كۆرسىتىپ، ھامىلىنىڭ زەھەرلىنىپ غەيرىي يېتىلىشىنى، مەسىلەن: پۇت – قول بارماقلىرى ئاز بولۇشنى، ھامىلىنىڭ ئانىنىڭ بويىدىن ئاجراپ كېتىشى، قورساقتا ئۆلۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولىدۇ.
        6. ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھ ئىستېمال قىلسا زىيانلىق. ئادەمگىياھ قۇۋۋەت تولۇقلايدىغان ئېسىل ئۆسۈملۈك بولسىمۇ، ھامىلىدار ئاياللار ئۇنى ئۇزاققىچە، كۆپ ئىستېمال قىلسا، سۇلۇق ئىششىق ۋە يۇقىرى قان بېسىم كۆرۈلىدۇ، ئېغىر بولغاندا جىنسىي يول قاناپ، بويىدىن ئاجراپ كېتىشكە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنىڭدىن سىرت، ھامىلىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ھامىلىنىڭ ئادەمگىياھقا چىداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ناھايىتى ئاجىز بولغانلىقتىن، ھامىلىدار ئاياللار ئادەمگىياھنى كۆپ ئىستېمال قىلسا، ھامىلىنىڭ ئۆلۈپ كېتىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.  

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ