يېقىنقى تەكشۈرۈش نەتىجىسى شۇنى ئسپاتلىدىكى،ئامرىكىدىكى كۆپ سانلىق ئاياللار ئۆزىنڭ بالىلارنىڭ سەمرىپ كىتىىشىگە بولغان تەسىرىنى تونوپ يەتتى. تەكشۈرۈش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا،ئانىلارنىڭ بالىنىڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا بولغان تەسىرى دادىلاردىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق.گەرچە %87پىرسەنىت ئايال ئاتا -ئانىنىڭ بالىنڭ بەدەن ئېغىرلىقىغا تەسىرى بارلىقىنى ئتراپ قىلسىمۇ،لىكىن،بۇلارنىڭ ئېچىدە ئاران %28پىرسەنت ئايال بۇ مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئېلىشىمىز كىرەك دەپ قارايدۇ. بۇ تەكشۈرۈش توردا ئېلىپ بېرىلغان بۇلۇپ ،جەمئى 1037نەپەر 18ياشتىن يۇقىرى ئايال جىنس قاتناشتى. بۇلارنىڭ ئېچىدە %11پىرسەنىت ئايال مۇنداق قاراشقا .ئېگە:"ئانىلار ھامىلدار بولغان دەسلەپكى ئۈچ ئايدا سەمرىسە ،بالىنىڭ كىيىن سەمرىپ كېتىش ئېھتىمالى ئەسلىدىكىن نەچچە ھەسسە ئېشىپ كېتىدۇ. تەتقىقاتچىلارنىڭ قارىشىچە،ھىامىلدارلىق مەزگىلىدىن باشقا يەنە،ئانىلارنىڭ يېمەك-ئېچمەك ئادىتى بالىلارنىڭ سەمرىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن.بالا كۆپىنچە چاغدا ئانىلارنىڭ تاماق يىيىش ئادىتىنى بەكرەك دورايدىكەن.شۇڭلاشقا،ئانىلار ياخشى بولغان يىمەك-ئچمەك ئادىتى ئارقىلىق بالىلارغا ياخشى تەسىر بىرىشى ھەم ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۈڭۈل بۈلىشى لازىم.
|