
كۆپ تۈرلۈك تەكشۈرۈشلەردە مەلۇم بولۇشىچە ، ئادەم بالىلىق مەزگىلىدە بەكلا پاكىز بولۇپ كەتسە ، چوڭ بولغاندا بىرەر نەرسىگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدىكەن .
ھازىرقى زاماندىكى شەھەر بالىلىرىنىڭ تۇرمۇشى ئائىلىدىلا چەكلىنىپ قالغاچقا ، ئۇلار خۇددى باكتېرىيەسىز قۇتا ئىچىدە ياشىغاندەك ياشايدۇ .
ئادەم بەدىنىدىكى ئىممۇنىتېتسىستېمىسىنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى دەل ئۆزىنى قوغداش ، ئۆزى بىلەن ياتنى ئايرىش بولۇپ ، ئۇ ئىككى قىسىمغا بۆلۈنىدىكەن ؛ بىر قىسمىئەسلىدىلا بار بولغان ئىممۇنىتېت بولۇپ ، ئۇنى تۇغما ئېرسىيەت بەلگىلەيدىكەن . يەنە بىر قىسمى ، قوبۇلقىلىنىشچان ئىممۇنىتېت بولۇپ ، ئاساسلىقىئورگانىزىم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئۆز –ئارا ماسلىشىشى ئاساسىدا پەيدا بولىدىكەن .
بولۇپمۇ بىر ياشتىن تۆۋەن بوۋاقلارنىڭ ئىممۇنېتېت سىستېمىسى يېتىلىش باسقۇچىدا تۇرغاچقا ، ناۋادا بۇ مەزگىلگە بەكلا پاكىز بولۇپ كەتكەندە ، كېيىن ناھايىتى ئاسانلا بىرەر نەرسىگە زىيادە سەزگۈر بولۇپ قالىدىكەن .
ئادەتتە بالىلارنى تەبىئەت بىلەن كۆپ ئۇچراشتۇرۇشئارقىلىقمۇ چوڭ بولغاندىن كېيىنكى زىيادەسەزگۈرلۈكنى ئازايتقىلى بولىدۇ .
بەكلا كۈچەپ يۇيۇلغاندا ، تېرە قىچىشىدىغان بولۇپ قالىدۇ.