يازدا ھاۋا ئسسىق بولغاچقا ،ئاسان زۇكام بولمايدىغاندەك بىلىندۇ .ئەمەلىيەتتە بوۋاقلار بەدىنىنىڭ ئېسسىقلىق تارقىتىشى ياخشى بولمىغاچقا ،ئۆيدە ھاۋا تەڭشىگۈچ بولسا ،ئۆي بىلەن تالانىڭ ھاۋا تېمپىراتۇرىسىدىكى پەرق چوڭىيىپ كېتىپ،بوۋاقلار ئاسانلا زۇكام بۇلۇپ قالىدۇ ،زۇكام بولغاندا تەر چىقمايدۇ،تولا ئۇسساپ ،پات -پات كىچىك تەرىتى قىستايدۇ،ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ تاماق يېگۈسى كەلمەيدۇ ،چىرايى سارغىيىپ ،ئېچى تىتىلداپ تۇرىدۇ.
بوۋاقلارنىڭ زۇكامداشنىڭ ئالدىنى ئېلىش شامالداپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ،ئۆي بىلەن تالانىڭ تېمپىراتۇرا پەرقىنى بەك چوڭ بۇلۇپ كەتمەسلىكىگە دىققەت قىلىش كېرەك .بوۋىقىڭىزنى دائىم سالقىن جايلاردا ئارام ئالدۇرۇشىڭىز ،شەخسى تازلىققىغا دىققەت قىلىشىڭىز كېرەك .پات-پات تۇز سېلىنغان قايناقسۇنى سوۋۇتۇپ ئىچكۈزۈشىڭىز كېرەك .ئۇنىڭدىن باشقا بوۋىقىڭىزنىڭ ئىچى پۇشۇپ جىم تۇرمىسا ،لۆڭگىنى ئىلمان سۇدا يۇيۇپ بەدىنىنى سۈرتۈپ قويسىڭىز بولىدۇ .ئۇنىڭدىن باشقا ئىسسقلىق چىقىش بالىلاردا كۆپ كۆرۈلدىغان تېرە كېسەل بۇلۇپ ئاساسەن بالىلارنىڭ مەيدە ،دۈمبە قىسمىغا كۆپ چىقىدۇ .ئىسسىقلىق بالىلارنىڭ ئوزۇقلۇق يىتىشمەسلىك ،ئېمۇنىت كۈچىنىڭ ئاجىزلاپ كەتكىنىدىن چىقىدۇ ،شۇڭا ئانىلار يۇقۇرقى ئەھۋاللارغا دىققەت قىلىش كېرەك.