كۆك چاينىڭ ئاياللارنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغانلىقى شۈبھىسىز . چۈنكى كۆك چايدا ۋىتامىنc مول ، ئۇنىڭدىكى فلاۋونوئىد ۋىتامىنc نىڭ ئوكسىدلىنىشتىن ساقلاش ئۈنۈمىنى تېخىمۇ ئاشۇرىدۇ ، فلاۋونوئىد ئېسىل ئوزۇقلۇق – ھەرە يىلىمىنىڭ ئاساسلىق تەركىبىدۇر ، شۇڭا ئۇنىڭ تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ، ياشارتىش ئۈنۈمى ئالاھىدە.
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ھۆسىن گۈزەللەشتۈرۈش رولى
كۆك چاي تالقىنىنىڭ ئىشلىتىش ئۇسۇلى كۆپ ، ئۇنى چاي دەملەپ ھەر كۈنى ئىچىشكىمۇ ، يۈز مەلھىمى قىلىپ يۈزگە يېقىشقىمۇ بولىدۇ . يەنە كۆك چاي تالقىنىنى چىش پاستىسىغا مىلەپ چىش چوتكىلىسا ، چىشىنى ئاسراپلا قالماي ، ئېغىزنى خۇشبۇي قىلىدۇ.
ئادەتتە يۈزنى يۇيۇپ بولۇپ ، ئالقانغا ئازراق يېشىل چاي تالقىنى ئېلىپ نەمدەپ ، يۈزگە يېنىك شاپىلاقلاپ ياقسا ، كۆك چاي تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسىنىڭ تېرىنى تارتىش – يىغىش رولى بولغاچقا ، تېرىنى چىڭىتىپ ساغلاملاشتۇرۇش ئۈنۈمىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
كۆك چاي تالقىنىنى ئازراق سۇغا چىلاپ ، ئۇنىڭ بىلەن يۈزنى شاپىلاقلاپ يۇيغاندىن كېيىن ، ئۈستىدىن ئېمولسىيە سۈرسە ، قارا داغ ، سەپكۈننى ئازايتىپ ، يۈزىنى ئاقارتقىلى بولىدۇ.
تېرىنى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە ھەر كۈنى ئەتىگەن – ئاخشامدا ئىككى ئىستاكان كۆك چاي تالقىنى چېيى ئىچىپ ، يۈزىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ياقسا ، تېرە ياخشىلىنىدۇ ، دانىخورەك يوقايدۇ.
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تېرىنى ياخشىلايدۇ ، دانىخورەك يوقىتىدۇ
تەركىبىدە ۋىتامىن مول كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى ناھايىتى ئوبدان يۈزنى ئاقارتىش رولىغا ئىگە . كۆك چاي تالقىنى تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى تېرىنى تارتىش – يىغىش رولىغا ئىگە بولغاچقا ، چىراينى گۈزەللەشتۈرۈپ ، تېرىنى سىلىقلايدۇ ، يەنە مىكروب ئۆلتۈرۈپ ، تېرىدىكى دانىخورەكنىڭ يىرىڭلىشىشىنى تىزگىنلەيدۇ.
كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاش ئۇسۇلى : كۆك چاي تالقىنىدىن بىر قوشۇق ، تۇخۇم سېرىقىدىن بىر دانە ، ئۇندىن ئىككى قوشۇق ئېلىپ ، ئۇنغا تۇخۇم سېرىقىنى ئارىلاشتۇرغاندىن كېيىن ، كۆك چاي تالقىنى قوشۇلىدۇ .
تەييارلانغان كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى يۈزگە مىلىنىپ ، ئۈستىدىن سەل نەمدەلگەن قەغەز يېپىلىدۇ ، تەخمىنەن 10 – 15 مىنىۇت تۇرغۇزۇلغاندىن كېيىن ، سوغۇق ياكى ئىلمان سۇدا يۇيۇۋېتىلىدۇ.
يۇقىرىدا ئېيتىلغان خۇرۇچلاردىن تۇخۇم سېرىقىنىڭ ئورنىغا ھەسەل ياكى ئالوي (ئىككى قوشۇق )نى ئالماشتۇرۇپ كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى تەييارلاپ يۈزگە سۈرتسە ، تېرىنى تارتىش – يىغىش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى ، تېرىگە كۆك چاي تالقىنى مەلھىمى سۈرگەندىن كېيىن ، تېرە تولىمۇ سەزگۈرلىشىپ كېتىدۇ ، شۇڭا شۇئانلا گىرىم قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك . گىرىم قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ، نېپىز بىر قەۋەت گىرىم سۇيۇقلۇقى ياكى ئېمۇلسىيە سۈرۈش كېرەك.