ئېرىڭىز بىلەن داۋاملىق ئالاقىلىش تۇرۇش، ھەرقانداق چاغدا تولىمۇ مۇھىم. بارلىق ئەرلەر خوتۇنلىرى ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇرلارنى ئوقۇشنى ياخشى كۆرىدۇ- يۇ، ئەمما خوتۇنىغا ئۇچۇر يوللاشنى ياخشى كۆرمەيدۇ. شۇنداقتىمۇ سىز ئىنتاين رومانتىك، يۇمۇرىستىك، ئېرىڭىزنىڭ مىجەزىگە باب كېلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللاپ تۇرسىڭىز، ئېرىڭىز چارچىغان ۋاقىتتا بىر قېتىم كۈلۈۋېلىشى، مېڭىسىنى ئارام ئالدۇرۋېلىشى ۋە سىزنى ئەسلىشىگە پايدىلىق.
تېلېفۇن ئۇرۇپ قالسىڭىز، تېلېفۇندا ئېرىڭىزنى ھەرگىز ئەيىبلىمەڭ. ناۋادا سىز ئۇرغان تېلېفۇن ئېلىنماي قالسا، سىز يوللىغان ئۇچۇرغا(باس باس تورى) ھېچقانداق ئىنكاس بولمىسا، ھەرگىز قالايمىقان ئويلاردا بولماڭ. ئېرىڭىز چوقۇم ئالدىراش ياكى بولمىسا تېلېفۇننى ئاڭلىماي قالغان گەپ. مۇشۇنداق ئويدا بولسىڭىز تېخىمۇ راھەت ھېس قىلمامسىز؟
ئوقۇشنىڭ بېشى ھەرپ ، ھەرپنىڭ بېشى « ئېلىپ» ،
خوتۇن قەدرىنى بىلمىگەنلەر، ئاخىر بولار غېرىپ.
ئۇ ئەگەر « ئادەم» بولسىلا سىزنىڭ ئۆزىگە قىلىۋاتقانلىرىڭىزنى چۈشىنىدۇ، كەڭ قورساقلىقىڭىزدىن تەسىرلىنىدۇ، سىزنى بارلىقى دەپ بىلىدۇ.
ئەقىللىق ئاياللار شۇنى بىلىشى كىرەككى، سۆيگۈ يالقۇنىنى مەڭگۈ يالقۇنجىتىپ تۇرۇشنىڭ بىردىنبىر سىرى مۇنداق ئۈچ تۈرلۈك ئەپچىل چارىدىن ئىبارەت:
مۇھەببەتلىك شەكىلدە ئالاقىلىشىش، ئەيىبلىمەستىن كەڭ قورساقلىق قىلىش، تەلەپ قىلىۋەرمەستىن غەمخورلۇق قىلىش.
ئاۋازلار ئىچىدە ئەڭ يېقىملىقى سۆيگۈنۈڭنىڭ ئاۋازى.
-لابىر يورېر
سۆزلىسەڭ ياخشى سۆز دېگىن بۇرادەر،
شېرىن سۆز پايدىدۇر، بى كۆمۈش بى زەر.
- ناسىر خىسراۋ