تاشقى قىياپەت گۈزەللىكىڭىزنى چوقۇم ساقلاپ قېلىڭ
ئاياللارنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسى بولىدۇ. ئېسىل نۇسخىسى ۋە ئادەتتىكى نۇسخىسى. ئالدىنقىسى كەسپىيى سورۇنلار ۋە ئجتىمائىي ئالاقە سورۇنلىرىدا باشقىلارغا كۆرسىتىلىدۇ، چىرايلىق ھەم قويۇق پەرداز قىلىنغان، كۆزنىڭ يېغىنى يەيدۇ؛ كىينكىسى ئۆيدە ئېرىگە كۆرسىتىلىدۇ، ئەر پەقەت خوتۇنىنىڭ ئادەتتىكى نۇسخىسىنىلا كۆرەلەيدۇ، نېمىشقا ئېرىڭىزگە ئېسىل نۇسخىڭىزنى كۆرسىتىپ باقمايسىز؟ گەرچە خۇدا سىزنىڭ چىرايىڭىزنى ئەمدى ئۆزگەرتمىسىمۇ، بىراق سىز ئۆزىڭىزنىڭ ئىپادىڭىزنى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدىغۇ.
« ئاناڭنى داداڭغا پەرداسىز كۆرسەتمە». دېمەكچىكى، ھەر قانداق بىر ئەر مەيلى ئۇ قېرى ياكى ياش بولسۇن چىرايلىق ئاياللارغا ئامراق بولىدۇ ھەمدە چىرايلىق خوتۇنى بولۇشنىمۇ ئارزۇ قىلىدۇ. گۈزەللىكىنى سۆيۈش ئىنساننىڭ تۇغما خۇسۇسىيتى. گەرچە چىن قەلب گۈزەللىكى تاشقى گۈزەللىكىتىن مۇھىم ئورۇندا تۇرسىمۇ،لېكىن ئىمكانىيتىڭىز يار بەرسە، ئۆزىڭىزنىڭ سىرىتقى قىياپىتىڭىز، كىيىم- كېچىكىڭىزگە دىققەت قىلىشىڭىز ناھايىتىمۇ زۆرۈر. چۈنكى سىرتتا ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە كۆرۈنىدىغىنى بىر- بىرىدىن ئۆتە ياسىنىشىپ، گىرىم قېلىۋېلىشقان ئاياللار، ئۇلار يىراقتىن ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە پەرىزاتتەك كۆرۈنىشى مۈمكىن . ئەگەر ئۆيدە چاچلىرى چۇۋۇق، چىرايلىرى نۇرسىز، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىپ چارچاپ بولالماي قالغان، ساڭگۇل- سۇڭگۇل ئايالىنى كۆرسە، قانداق ھېسسىياتقا كېلىپ قالار؟
شۇڭا، ئۆي ئىشلىرىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش بىلەن بىرگە يەنە ئۆيدىمۇ، تالادىمۇ ئېرىڭىزنىڭ كۆزىگە چىرايلىق كۆرۈنۈشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.
كىيىم- كېچەكنى يېشىڭىز، سالاھىتىڭىز، رەڭگىڭىز، بەدەن شەكلىڭىز، سورۇنغا قاراپ كىيىشنى بىلىۋېلىشىڭىز تېخىمۇ مۇھىم. بەزى يېشى 40 تىن ئاشقان سېمىز ئاياللارنىڭ تار، لىققىدە چاپلىشىپ تۇرىدىغان ياكى كەڭلىكىدىن تېخىمۇ سېمىز كۆرسىتىۋېتىدىغان ئىشتانلارنى كىيىپ، سومكىسىنى كاسسىسىدا پالاق- پالاق قىلىپ ئېسىپ كېتىۋاتقانلىقىنى پات- پات ئۇچرىتىپ تۇرىمىز.
كىيىم- كېچەك تەتقىقاتچىللىرىنىڭ قارىشچە، تۆۋەندە ئېيتىلغانلارغا دىققەت قىلالىغان ئاياللار تېخىمۇ چىرايلىق كۆرۈنىدىكەن.
سېمىز بولسىڭىز تىك يوللۇق، قارا، كەرشىنىۋاي، توق رەڭلىك كىيىملەرنى كىيىڭ. بوينىڭىز قىسقا بولسا ئەڭ ياخشىسى ئۆرە ياقىلىق كىيىملەرنى كىيمەستىن، سەل بوينىڭىز كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان كىيىملەرنى كىيىڭ . چوڭ چاقماقلىق كىيىملەرنى كىيىشتىن ساقلىنىڭ. رەڭگارەڭ رەختلەرنى كىيىۋالماڭ. ئەڭ ياخشىسى، بىر ياكى ئىككى خىل رەڭ ماسلاشتۇرۇلغان كىيىم كىيىڭ. كىيىمىڭىزنىڭ رەختى ئۈچ خىلدىن ئېشىپ كەتمىسۇن، يۇمىلاق كەلگەن زىننەت بويۇملىرىنى تاقىماڭ.
ھەم سېمىز، ھەم پاكارراقلار چاچ پوسۇنىغا دىققەت قىلىش، ئامال بار قىسقا چاچ قويۇش ياكى ئېگىز بوغىۋېلىش، بانتىلىۋېلىش كېرەك.
پايپىقىڭىزنىڭ رەڭگى كىيىمىڭىزنىڭ رەڭگىدىن قېنىق بولسۇن،يەنى قېنىق، قوڭۇر، قارا، سۈررەڭ، قارامتۇل، كەرشىنىۋاي پايپاقلارنى كىيىڭ. بۇنىڭدا پاچىقىڭىز ئىنچىكىرەك كۆرۈنىدۇ. ئەگەر پاچىقىڭىز بەك توم ياكى مايماق بولسا ئەڭ ياخشىسى قىسقا يوپكا كىيمەي، ئۇزۇن يوپكا ياكى كۆينەك كىيىۋېلىڭ. ئاستى كىيىمىڭىزنىڭ رەختى چوقۇم ئۈستى كىيىمىڭىزنىڭ رەختىدىن قېلىن ھەم ئېغىرراق بولسۇن.
ھەددىدىن ئارتۇق ياسىنىپ تارىنىش دەرۋەقە توغرا ئەمەس، پۈتۈنلەي ياسانماسلىق، تارانماسلىق تۇرمۇشنىڭ خائىشىغا تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئېرىنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ خۇش قىلالايدىغان ئاياللار قانداق ياسىنىپ تارىنىشنى ئوبدان بىلىدۇ.
- ف باكون
گۈزەل يۈزنى كۆرگەن كىشى خۇشلىنۇر،
كۆڭۈل ئېچىلۇر ھەم جان زوقلىنۇر.
- يۈسۈپ خاس ھاجىپ