ئېرىڭىزنىڭ باشقىلار ئالدىدا ئابرۇيى بولسۇن دېسىڭىز، پۇل خەجلەش ئەركىنلىكىنى بېرىڭ
ئەتراپقا شۇنداق سەپسالىدىغان بولسىڭىز، كىشىلەر ياقتۇرمايدىغان، دائىم كەمسىتىلدىغان ئەرلەر دەل پىخسىق ياكى « خوتۇنىدىن قورقىدۇ» غان ئەرلەردۇر. بەزى ئەرلەر كىچىكىدە ئالغان تەربىيسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ياكى ئىرسىيەت سەۋەبىدىنمۇ ئەيتاۋۇر ئىنتايىن بېخىل بولۇپ، ھەر قانداق چاغدا ئۇ يۈزىنى «قېلىن» قىلىپ خەقتىن پۇل سورىسا سورايدۇكى، لېكىن باشقىلارغا بىر تېيىنلىق پايدىسى تەگمەيدۇ. خەقنىڭكىنى يىسە يەيدۇكى، ھەرگىز باشقىلارغا پۇل خەجلىمەيدۇ. مۇشۇنداق بېخىللىقى سەۋەبىدىن كىشىلەر ئالدىدا ئىناۋىتى بولمايدۇ. يەنە بەزى ئەرلەر خوتۇنىنىڭ ئىقتىسادنى ھەددىدىن زىيادە كونتۇرۇل قىلىۋىلىشى سەۋەبىدىن كۈندىلىك خىراجىتىنى ئايالىدىن ئېلىپ خەجلەيدۇ. ھەر قانداق چاغدا خوتۇنىنىڭ سىزغان سىزىغىدىن چىقالمايدۇ، « خوتۇنىدىن قورقىدۇ» غان بۇنداق ئەرلەرنىڭ كىشىلەر ئالدىدا تېخىمۇ ئابرويى بولمايدۇ.
« پۇل كەتسە كەتسۇن، يۈز كەتمىسۇن» دەيدىغان گەپ بار، جەميەتتە ياشىغان ئىكەنمىز ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت بولىدۇ. بىر تىيننىڭ تۆشۈكىدىن نەچچە قېتىم ئۆتۈپ، پۇل يىغىپ باي بولسىڭىزمۇ، كىشىنىڭ ئالدىدا تىيىنلىق ئىناۋىتىڭىز بولمىسا بۇنىڭ ھىچقانداق ئەھمىيتى يوق، پىخسىقلىق ئاياللارغا ياراشقان بىلەن ئەرلەرگە ياراشمايدۇ.
« ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خوتۇن، يەر قىلغانمۇ خوتۇن»، پۇلنى دەپ ئېرىڭىزنى ئەركەك دېگەن نامدىن مەھرۇم قالدۇرماڭ. ئىقتىسادنى باشقۇرۇڭ، لېكىن خوجايىنلىق ھوقۇقىنى ئېرىڭىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىڭ. بەك بەتخەجلىك قىلمىسىلا، پۇل خەجلەش ئەركىنىلىكى بوغۇپ قويماڭ.
مەيلى ئەرلەر ياكى ئاياللار بولسۇن نام- ئابروي ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدىكى ئەڭ خۇسۇسى گۆھەردۇر. كىمكى پورتمىلىنى ئوغىرلىسا، ناھايىتى كەتسە بىر توپ كېرەكىسىز نەرسىللىرىمنى، تۇتامى يوق نەرسىللىرىمىنى، مىنىڭ قولۇمدىن ئۇنىڭ قولىغا ئۆتۈپ تۇردىغان، شۇنداقلا تۈمەنلىگەن ئادەملەرنى ئۆزىگە ئەسىر قىلىۋالغان نەرسىللىرىمنى ئوغىرلىغان بولىدۇ. لېكىن كىمكى نام- ئابرويۇمنى ئوغرىلاپ كەتسە، گەرچە بۇنىڭ بىلەن ئۇ باي بولۇپ كەتمىسىمۇ، ئەمما مەن ئۇنى يوقىتىپ قويغانلىقىم تۈپەيلىدىن گادايلىشىپ كېتىمەن.
- شېكىسپىر
ھېچكىمگە نەپ بەرمىگەن ناكەستىنى قويغىن ئەسلىمەي،
مال يىغىش بىلەن ئاۋەرە بولدىيۇ كەتتى يېمەي.
- سەئىدى شىرازى