پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ئايرىلماڭلار
  • چاچ ۋە خاراكتېر
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
  • تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى نېمە ؟
  • قېتىق ۋە سالامەتلىك
  • دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
  • ئەرلەر 27ياشتا ،ئاياللار 25ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق
  • سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز؟
  • ئاياللاردىكى ئەرلەردىن پەرىقلىنىدىغان ئىقتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟ ...
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  •  
    جىنسى ساۋاتلار ( توي قىلمىغانلار قەتئى كىرمەڭ)
    يوللىغان ۋاقىت:2010-09-01 ئاۋاتلىقى:6497
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    جىنسى ساۋاتلار ( توي قىلمىغانلار قەتئى كىرمەڭ)

       كۆپىنچە كىشىەر جىنسى  ساۋاتتىن خەۋەرسىز بولغاچقا ،جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈشتىكى قائىدە قانۇنيەتلەرنى بىلمىگەنلكى ئۈچۈن ،جىنسى تەلەپكە قانالماسلىق ياكى ئۆز ئايالىنىڭ جىنىس تەلىپىنى قاندۇرالماسلىقتەك ئەھۋاللار مەۋجۇت .  شۇ سەۋەبلىك ئائىلىدە جىدەل ماجىرا تۈگىمەيدۇ .ئىناق تۇرمۇش بۇزۇلۇپ ئاخىردا نىكاھتىن ئاجىرشىش ،ئەر كىشى روھى جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچىراش ،ھەتتا بىر ئۆمۈر سەرسانلىقتا ئۈتۈش بىرگە مالخۇلىيا ياكى ھەرخىل نېرۋا كېسەللىلىرىگە ئېلىپ بارىدۇ. شۇنىڭ  ئۈچۈن  كەڭ ئۇقۇرمەنلەرنىڭ ،ئۇيغۇر تىبابەت ھەۋەسكرلىرى ۋە كەسىپكارلىرىنىڭ جىنسى ساۋاتلارنى ئەرلەركېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچى بىمارلارغا توغرا رەۋىشتە چۈشەندۈرىشى ،كەمسىتمەسلىكى ،ئۇلارغا روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىشى كېرەك . بۇلۇپمۇ يېڭى توي قىلغانلا ،جىنىسى ساۋاتتىن خەۋىرى يوق كىشىلەر تۆۋەندىكىلەرنى بىلىشى بەكمۇ زۈرۈر.
      
    ئالددى بىلەن جىنسى پائالىيەتنىڭ ئادەمنىڭ تەبىئى  ئىقتىدارى ئىكەنلىكىنى چۈشىنش ،مۇۋاپىق شارائىتتا جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش ،تەبىئى بۇلۇش ،جىددىيلەشمەسلىك كېرەك . ئارتۇقچە چارچىغاندا ،ئوي -پىكىرىنى يېغىپ مۇلاھىزە قىلىۋاتقاندا جىنسى تالاپ بەك كۈچلۈك بولمايدۇ.ئەگەر ئەر-ئايال ئۆز-ئارا بىر -بىرىنى چۈشەنمىسە ،بىر -بىرىگە كۈيۈنمىسە ،بىر تەرەپنىڭ مەجبۇرلىشى بىلەن ئىش كۆرسە ،قانائەتلىنىەرلىك نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولمايدۇ، ئەلۋەتتە . شۇڭا ، روھى ھالەتنىڭ ساغلام بۇلىشى جىنسى تۇرمۇشنىڭ نۇرمال ئۆتكۈزلىشىدكى مۇھىم ھالقا بۇلۇپ ھېسابلىندۇ.نىكاھلىنىش جىنسى تۇرمۇشنىڭ باشلىنشى بۇلۇپ ،مۇقەرەر ھالدا تۇنۇشۇش ۋە پىششىقلاش جەريانى بۇلىدۇ. شۇنى ئىتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى ،دسلەپتە ھەرخىل <<ئوڭۇشسىزىقلار >> يۈز بىرىدۇ. بۇ نۇمال ھادىسە ،ئۇنى ئاستا-ئاستا يەڭگىلى بۇلىدۇ . ھەرگىزمۇ تەشۋىشلەن،مەسلىك لازىم .بولمىسا روھى ھالەتتە جىدديىلىك شەكىللىنىپ ئىشلار تېخىمۇ <<ئوڭۇشسىز >> بۇلىدۇ.

    توي كىچىسى ھەر ئىككى تەرەپتە تەشۋىشلىنىش روھى ھالىتى بۇلىشى مومكىن .يىگىت جىنسى تۇرمۇشنىڭ ئوڭۇشلۇق بۇلۇش -بولماسلىقىدىن ،قارشى تەرەپكە ئازار كەلتۈرۈپ قويماسلىقىدىن  ئەنسىرسە ،قىز جىنسى تۇرمۇشنىڭ قانداق ئازاپ ئېلىپ كىلىشىدىن ئەنسىرەيدۇ . بۇ خىل ئوي -پىكىرلەرنىڭ ھەممىسى جىنى تۇسالغۇ پەيدا قىلىدۇ..قىز -يىگىتەرنىڭ جىنسى بىلىمگە بولغان تۇنۇشى يىتەرلىك بولمىغاچقا ،تاسادىپىي كۈرۈلگەن << ئوڭۇشسىزلىقلار >> نى جىنسى تۇرمۇش مەغلۇبىيىتى دەپ قارايدۇياكى يىگىتلەر ئۆزلىرىنىڭ جىنسى ئىقتىدارنى ساغلام ئەمەس دەپ قاراپ ،ئىشەنچىسىنى يوقىتىىدۇ. شۇنىڭ  بىلەن ساغلام بولمىغان روھى -ھالەت شەكىللىندۇ.

    يۇقىردا شەرھلەپ ئۆتكەندەك ،ئەر -ئاياللارنىڭ جىنسى ھېسياتىنىڭ قوزغىلىشى ۋە جىنسى ھەركەتنىڭ ئىپادىلىنىش شەكلى جەھەتتە زور پەرىقلەر بۇلىدۇ. ۋاقىت جەھەتتىنمۇ نىسبەتەن زور پەرىق بۇلىدۇ.ئەگەر بۇ مەسىلىدە چۈشەنچە ئىنىق بولمىسا ، ئوبدان ماسلىشالماي ئىختىلاپ يۈز بىرىپ ،ئەر-ئاياللىق تۇرمۇشقا تەسىر يەتكۈزىدۇ.

    ئادەتتە ئەرلەرنىڭ جىنىسى ھەۋىسى جىنسى ئەزالىرى ئارقىلىق ئىپادىلىندۇ.ئۇلارنىڭ ھەۋىسى كۈچلۈكرەك بۇلۇپ ،تىز قوزغىلىپ تىز يانىدۇ.پۈتۈن جەريان پەقەت 1-2 مىنۇتلا بۇلىدۇ.ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ ئىپادىلىنىشى نىسبەتەن مۇرەككەپ بۇلۇپ ،ئادەتتە ئۆزىگە خاس ،پاسسىپ ،ئاستا بۇلىدۇ. بەزى پىسخولوگىيەلىك ئامىللار ۋە سىرتقى ئامىللارنىڭ تەسىرگە ئوڭايلا ئۇچىرايدۇ.ئادەتتە كۆڭۈل ياساشنى ،سىيلاشنى تەلەپ قىلىدۇ.يىتەرلىك ھاياجانلانغاندىن كىيىن جىنسى تەلەپ شەكىللنىدۇ. بۇنىڭغا كىتىدىغان ۋاقتىمۇ ئۇزۇنراق بۇلىدۇ.

    توي كىچىسى ئەر تەرەپ قوپاللىق قىلماي ،يىقىملىق سۆزلەر بىلەن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ياسىسا ،سىيلاش ئارقىلىق كۆڭلىنى ئىزھار قىلسا ،ئايال تەرەپتە قورقۇش كەيپىياتى تۈگەپ يولدىشىنىڭ تەلىپنى قۇبۇل قىلىدۇ. ئايال تەرەپ ئاكىتپ ماسلىشىپ ئەردىكى جىدديلىشىش كەيپىياتىنى يوقتىش لازىم . جىنسى ئالاقە قىلغاندا ئەر تەرەپ ئىمكانقەدەر ئۆزىنى تۇتۇۋالسا ،ئايال تەرپ ئىمكانقەدەر ماسلىشىپ بەرسىلا ،ئورتاق قانائەت ھاسىل قىلغىلى بۇلىدۇ . مەنىي قۇيۇپ بەرگەندىن كىيىن ،ئەر تەرەپ ئاسانال ھارغىنلىق ھىس قىلىدۇ ،جىنسى ھېسياتنىڭ پەسىيشىمۇ تىزىراق بۇلىدۇ،ئايال تەرەپ جنسى ھېسياتنىڭ پسىيىشى ئاستىراق بۇلىدۇ .شۇڭا ،ئايال تەرەپنىڭ كەيپىياتى ئەسلىگە كىلىپ بولغىچە ساقلاش لازىم . شۇنداقلا ئاياللارنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ قوزغىلىشى ھەيىز دەۋرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بۇلىدۇ . ئادەتتە ھەيىز دەۋرىنىڭ ئالدى -كەينىدىكى بىر نەچچە كۈن ۋە تۇخۇم چىقىرىش مەزگىلىدە جىنسى ھەۋىسى كۈچلۈك بۇلىدۇ. ئەر بولغۇچى ئايالىنىڭ بۇ ئالاھىدىلىكىنى چۇقۇم بىلىشى ،ۋاقىت خاتالىقى سادىر قىلماسلىقى لازىم .

    جىنس تۇرمۇشتا تازلىققا ئەھمىيەت بىرىش زۈرۈر .بولمىسا كېسەل پەيدا بۇلۇپ ،جىنسى تۇرمۇشقا تەسىر يىتىدۇ.

      يۇقىرقىلارنى يېغىنچاقلىغاندا ،قىز -يىگىتلەر نىكاھلىنىشتىن بۇرۇن دوختۇرخانىغا بېرىپ سالامەتلىك تەكشۈرتسە ياكى مەسلىھەت سوراپ ئاندىن نىكاھلانسا تۇرمۇشى تېخىمۇ كۆڭۈللۈك بۇلىدۇ.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ