پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ئايرىلماڭلار
  • چاچ ۋە خاراكتېر
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
  • تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى نېمە ؟
  • قېتىق ۋە سالامەتلىك
  • دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
  • ئەرلەر 27ياشتا ،ئاياللار 25ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق
  • سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز؟
  • ئاياللاردىكى ئەرلەردىن پەرىقلىنىدىغان ئىقتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟ ...
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  •  
    ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرتۈشكە دائىر كۆپ ئۇچرايدىغان سۇئاللار
    يوللىغان ۋاقىت:2010-09-01 ئاۋاتلىقى:605
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    1. ئەيدىزنى نەگە بېرىپ تەكشۈرتىمىز ؟
    2. مەن بارسام، ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
    3. ئۇلار مەندىن نېمە سوئاللارنى سورايدۇ ؟
    4. باشقىلار بىلەن بىللە كېلىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ ؟
    5. تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟
    ==================================================================
    1. ئەيدىزنى نەگە بېرىپ تەكشۈرىمىز ؟
    ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەر(ناھىيە)دىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كونترول قىلىش مەركىزى(فاڭيىزەن) دە ياكى بەلگىلەنگەن دوختۇرخانىلاردا ئەيدىز توغرىسىدا ئىختىيارى مەسلىھەت سوراش ۋە تەكشۈرتۈش (VCT)ئامبۇلاتورىيىلىرى تەسىس قىلىنغان بولىدۇ، شۇ يەرگە بېرىپ تەكشۈرتسىڭىز بولىدۇ .
    2. مەن بارسام، ئۇلار نېمە ئىشلارنى قىلىدۇ ؟
    ئالدىدا مەخسۇس دوختۇر سىزگە ئەيدىز، يۇقۇش يوللىرى ۋە تەكشۈرتۈش توغرىسىدىكى ئۇچۇرلارنى بېرىدۇ، سىزنىڭ ئەيدىزدىن يۇقۇملىنىش ئېھتىماللىقىڭىز بار يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىش ئۈچۈن سىزنىڭ ئىش-ھەرىكىتىڭىزگە ئائىت بەزى سوئاللارنى سورايدۇ، ئەگەر ئىلگىرى ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىش-ھەرىكەتلەر سىزدە سادىر بولغان بولسا،دوختۇر سىزگە تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپى بېرىدۇ. ئاخىرىدا سىز تەكشۈرتۈپ بېقىشنى قارار قىلسىڭىز، بىر قېتىم ئىشلىتىلىدىغان شپىرىس ئارقىلىق بىلىكىڭىزدىن 5 مىللىلىتىر قان ئالىدۇ .
    3.ئۇلار مەندىن نېمە سوئاللارنى سورايدۇ ؟
    ئۇلار سىزدىن بەزى ئاساسىي ئەھۋاللارنى سورايدۇ، مەسىلەن يېشىڭىز، نېمە ئۈچۈن تەكشۇرتىدىغانلىقىڭىز ؟ ئەيدىزنى يۇقتۇرۇۋېلىش ئېھتىماللىقى بولغان ئىش ھەرىكەتلەر سادىر بولغانمۇ يوق؟ مەسىلەن ئىلگىرى باشقىلار بىلەن شپىرسنى ئورتاق ئىشلىتىپ زەھەرلىك چېكىملىك چېكىش تارىخىڭىز بولغانمۇ؟ نىكاھدىن بۇرۇن ياكى نىكاھ سىرتىدا باشقىلار بىلەن قوغدىنىشسىز جىنسى مۇناسىۋەت بولغانمۇ؟ قان سالدۇرغانمۇ دېگەندەك سوئاللارنى دورايدۇ. بۇ سوئاللار سىزنىڭ تەكشۈرتىشىڭىز كېرەك ياكى ئەمەسلىكىنى ، ھازىر تەكشۈرۈشنىڭ مۇۋاپىق ۋاقتى ياكى ئەمەسلىكىنى جەزملەشتۈرۈشكە ياردىمى بولىدۇ.
    4. باشقىلار بىلەن بىللە كېلىپ تەكشۈرتسەم بولامدۇ ؟
    بولىدۇ .
    5. تەكشۈرتۈشكە قانچىلىك پۇل كېتىدۇ ؟
    تەكشۈرۈش ئىككى قېتىم ئېلىپ بېرىلىدۇ، يەنى ئىلغاش تەكشۈرۈشى ۋە جەزملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشى. ئامبولاتورىيىسىدە ئىلغاش تەكشۈرۈشىنى دۆلەت ھەقسىز قىلىپ بېكىتكەن، جەزملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىمۇ شىنجاڭدىكى كۆپلىگەن رايونلاردا ھەقسىز، بەزى رايونلاردا ھەق ئېلىنىشى مۇمكىن ،كونكىرىت ئەھۋالنى فاڭيىزەندىن سۈرۈشتۈرۈڭ. چۈنكى دۆلەتنىڭ تويدىن بۇرۇن سالامەتلىك تەكشۈرتىدىغانلار، ھامىلىدار ئاياللار، بالىلار (يۇقۇملانغان ئانىدىن تۇغۇلغان بالا ) ۋە تۈرمىدىكىلەرگە قارىتا بۇ ھەقنى ئازايتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش ھەققىدە سىياسەتلىرى بار .
    6. باشقىلار مېنىڭ تەكشۈرتكىنىمنى ئۇقۇپ قالارمۇ؟
    ئەيدىز ۋىرۇسىنى تەكشۈرۈشتە مەخپىيەتلىك ساقلىنىدۇ، ئامبۇلاتورىيىلىرىدە چوقۇم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى كۆرسىتىپ ئاندىن تەكشۈرتىدۇ، لېكىن شۇ كىشىنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى مۇتلەق مەخپىي ساقلىنىدۇ، بۇلارنى پەقەت سىز بىلەن مەسلىھەت بەرگۈچى(ياكى دوختۇر)لا بىلىدۇ.
    7.ئەگەر تۇنجى قېتىملىق تەكشۈرتۈشنىڭ نەتىجىسى مەنپىي(-) بولسا قانداق قىلىمەن ؟
    مەنپىي دېگەنلىك يۇقۇملانمىغان دېگەنلىك ، بەلكىم سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانمىغان، يەنە سىز بەلكىم كۆزنەك مەزگىلىدە تۇرۇۋاتقان بولۇشى مۇمكىن، يەنە 3 ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈش كېرەك.( كونكرېت ۋاقتىنى دوختۇر سىزگە ئېيتىپ بېرىدۇ) بۇ مەزگىلدە خەتەرلىك ھەرىكەت قىلىشتىن ساقلىنىش ياكى ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىشىڭىز كېرەك، مەسىلەن پاكىزە بىر قېتىملىق ئىشپىرىس ئىشلىتىش ياكى جىنسى مۇناسىۋەتتە بىخەتەرلىك قاپچۇقىنى ئىشلىتىپ، باشقىلارغا يۇقتۇرۇپ قويۇشتىن ساقلىنىشىڭىز كېرەك.
    8. ئەگەر تەكشۈرۈشنىڭ نەتىجىسى مۇسبەت(+) بولسا قانداق قىلىمەن؟
    جەزىملەشتۈرۈش تەكشۈرۈشىدە نەتىجە مۇسبەت(+) چىققان بولسا، سىز ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان دېگەن سۆز. بۇچاغدا دوختۇر سىزگە روھى جەھەتتىن مەدەت بىرىدۇ. سىزنىڭ ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغان ئاساستا ئۆيىڭىزدىكىلەرگە خەۋەر قىلىپ،جۆرىڭىزنىمۇ تەكشۈرتۈپ بېقىش تەكلىپى بېرىدۇ. بۇ چاغدا مۇھىمى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا سىزنىڭ CD4 ھۈجەيرىڭىزنى تەكشۈرۈش كېرەك. بۇندىن كېيىن سىز قەرەللىك ھالدا بۇ تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىپ، ئىممۇنىتېت سېستىمىڭىزنىڭ ھالىتىنى كۈزىتىپ تۇرۇشىڭىز لازىم. مەسىلەن،ئەگەردەCD4 ھۈجەيرىسى300دىن يۇقىرى بولسا، ھەريېرىم يىلدا بىر قېتىم تەكشۈرتىسىز، ئەگەردەCD4 ھۈجەيرىسى300 ياكى ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولسا، مۇناسىۋەتلىك دوختۇرخانىلارغا بېرىپ ۋىرۇسقا قارشى داۋالاشقا قاتنىشىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمىز.
    قوشۇمچە
    تەكشۈرۈش ئىككى خىل بولىدۇ، ئۇلارنىڭ بىرسى ئىلغاش تەكشۈرۈشى. بۇ تەكشۈرۈشنى قىلىش ئۈچۈن VCTئورنىدا قان ئېلىپ، تەجىرىبىخانىغا يوللاپ تەكشۈرىدۇ ۋە نەتىجىسى پەقەتلا سىزگە بېرىلىدۇ، ھەم تەكشۈرۈشنىڭ ئالدى كەينىدە سىزگە مەسلىھەت بېرىلىدۇ. ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV+، يەنى يۇقۇملانغان دەپ چىققان بولسا، ئىككىنچى قېتىم يەنە جەزىملەشتۈرۈش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىدۇ. بۇ تەكشۈرۈش ئادەتتە جەزىملەشتۈرۈش سىنىقى دېيىلىدۇ.
    ئەگەر ئىلغاش تەكشۈرۈشىنىڭ نەتىجىسى HIV-، يەنى يۇقۇملانمىغان دەپ چىققان بولسا، بەلكىم سىز يۇقۇملانمىغان بولۇشىڭىز ياكى يۇقۇملىنپ كۆزنەك دەۋرىدە تۇرىۋاتقان بولۇشىڭىز مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈن مەسلىھەت بەرگۈچى خادىم سىزنىڭ يەنە 3 ئايدىن كېيىن قايتا تەكشۈرتۈپ بېقىشىڭىز كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.
    ئادەم ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتا، ئادەم بەدىنى ۋىرۇسقا قارىتا ئىنكاس قايتۇرىدۇ، بۇ يەنە ئانتېتلا رېئاكسىيىسى دەپ ئاتىلىدۇ. تەكشۈرۈشتە ئانتېتلا تەكشۈرۈلىدۇ. دېمەك ئانتېتلانىڭ بار يوقلۇقىغا قاراپ ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانغان ياكى ئەمەسلىكىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ. قان تەكشۈرگەندە بۇ خىل ئىنكاسنى تەكشۈرۈپ چىقىش ئۈچۈن مەلۇم ۋاقىت كېتىدۇ. بۇ ۋاقىتنى بىز كۆزنەك دەۋرى دەيمىز. ۋىرۇستىن يۇقۇملانغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھېسابلىغاندا كۆزنەك دەۋرى ئادەتتە 2ھەپتىدىن 3ئايغىچە بولىدۇ. شۇڭلاشقا ئۆزىدىن گۇمان قىلغان ئادەم ئەڭ ياخشىسى 12ھەپتىدىن كېيىن ئاندىن تەكشۈرتۈش لازىم. بىراق بىر نۇقتا ئىنتايىن مۇھىم، يەنى بۇ مەزگىلدە گەرچە ئانتېتلانى تەكشۈرۈپ بىلگىلى بولمىسىمۇ ۋىرۇسنىڭ يەنىلا يۇقۇملاندۇرۇش كۈچى بولىدۇ.يەنى بۇ ئادەم ۋىرۇسنى ئېلىپ يۈرىدۇ ۋە باشقىلارغا يۇقتۇرالايدۇ.
    بوۋاقلارنى تەكشۈرۈش يۇقىرىقىلارغا سەل ئوخشىمايدۇ. بوۋاق 18 ئايلىق بولغىچە بوۋاقنىڭ تېنىدە ئانىسىنىڭ ئانتىتىلاسى مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، بۇ دېگەنلىك بوۋاق شۇ ياشقا توشمىغۇچە ئۇنىڭ قېنىنى تەكشۈرۈش ئورۇنسىز. چۈنكى ئۇنىڭ قېنىدىكى ئانتېتلا ئانىسىنىڭ ئانتېتلاسىدۇر. 18 ئايدىن كېيىن تەكشۈرگەندە، بوۋاق ئۆزىنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسى يېتىلىپ ئانتېتلا ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ، شۇ چاغدا ئاندىن تەكشۈرۈش ئارقىلىق بوۋاقنىڭ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ. ئۇنىڭسىزمۇ، ئەگەر بوۋاق ئەيدىز ۋىرۇسىدىن يۇقۇملانسا، تۇغۇلۇشىدىنلا ئاجىز، ئاغرىقچان ۋە يېتىلىشى ئاستا بولىدۇ، بۇمۇ يۇقۇملانغان ياكى يۇقۇملانمىغانلىقىنىڭ دەسلەپكى ئالامىتىدۇر.

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 13999111547        ئىشخانا : 2848484 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ