&قازاننىڭ ئاستى قېلىنلىشىپ كەتسە ، ئالما پۇستىنى سۇغا سېلىپ قاينىتىۋەتسە ياكى كەينىنى ئالما پوستىدا سۈرۈتسىمۇ قارا چىقىپ كېتىدۇ.
&پالەكنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ، ئاغزىدىن پۇۋلەپ يەل بىلەن تۇشقۇزۇپ ، ئاغزىنى مەھكەم باغلاپ قويسا ، پالەك يېڭى پېتى ساقلىنىدۇ.
&ئەگەر ياغاچتىن ياسالغان ئۆي جاھازىلىرى يېرىلىپ كەتسە ، كونا گېزىتلەرنى كېسىپ ، ئازراق زەمچە قوشۇپ سۈزۈك سۇ ياكى گۈرۈچ يۇيغان سۇغا سېلىپ قاينىتىپ، شىلىم قىلىپ، يېرىلغان يەرگە چاپلىسا، قۇرۇغاندىن كېيىن ناھايىتى پۇختا ۋە سېلىق بولىدۇ.
&قولىڭىزغا ياغ ياكى سىر يۇقۇپ كەتسە ، ئاپېلسىن شۆپۈكىنى سۇغا چىلا پ، قايتا – قايتا بىر قانچە قېتىم سۈرتىۋەتسىڭىز ئوڭايلا چىقىپ كېتىدۇ.
&غولپىياز شىرنىسىگە چىلانغان پاختا ئوڭ – سول بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بېرىلسە ، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى تېزلا داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ.