ئادەتتە نۇرغۇن كىشلەر بىر قېتىم دەملەنگەن چاينى بىر كۈن قايتا-قايتا ئىشلىتىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇنداق قىلىش سالامەتلىككە زىيانلىق. ئادەتتە چاينىڭ تەركىبىدە 100 خىلدىن ئارتۇق بىرىكمە بولۇپ، كۆپ قىسمىنىڭ ئادەم بەدىنىگە زىيىنى يوق، شۇڭا چاينى دەملەپ بەش مىنۇتتىن كېيىن ئىچسە مۇۋاپىق.ئەگەر بەك ئۇزۇن ۋاقىت تۇرۇپ قالغان چاينى ئىشلەتسە،چاي تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق تەركىبلەر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراپ،زىيانلىق ماددىلارنىڭ مىقدارى كۆپىيىپ كېتىدۇ.چاي دەملىنىپ بىر قانچە سائەت تۇرغاندىن كېيىن تەركىبىدە خېمىيىلىك ئۆزگىرىش پەيدا بولۇپ،چاينىڭ تەمى ئۆزگىرىپ ئەسلى پۇرىقى يوقايدۇ.رەڭگى قوڭۇر رەڭگە ئۆزگىرىپ،چاي تەركىبىدىكى ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق ماددىلار بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ .
چاي تەركىبىدىكى كوففىئىن قەھۋە تەركىبىدكى كوففىنغا قارىغاندا بىر ھەسسە كۆپ بولىدۇ.لېكىن چاي يوپۇرمىقىدىن كوففىئىننى ئاجرىۋېلىش ئاسان ئەمەس.شۇڭا يېڭى دەملەنگەن چاي تەركىبىدە كوففىئىننىڭ مىقدارى كۆپ بولمايدۇ.ئەگەر چاي بەك ئۇزاق دەملىنىپ كەتسە ياكى بەك قېنىق بولۇپ كەتسە چاي تەركىبىدىكى كوففىئىن ھەددىدىن زىيادە كۆپىيىپ كېتىپ،ئۇنىڭدا غىدىقلاش رولى پەيدا بولىدۇ.بۇ چاغدا كىشلەر،بولۇپمۇ يۈرەك قان تومۇر ۋە نېرۋا سىستېمىسى كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغانلاردا بىئارام بولۇش ئالامەتلىرى كۆرۇلىدۇ.ئەگەر كەچتە بۇ خىل ئۇزۇن تۇرۇپ قالغان چاينى ئىچسە نورمال ئۇيقۇغا تەسىر يەتكۈزىدۇ.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يېڭى دەملەنگەن چايدا تاننىم كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى ئىنتايىن ئاز بولىدۇ.ئەگەر چاي ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا تەركىبىدىكى تاننىن كىسلاتاسى زور دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكتىن،يەللىك بوغۇم ياللۇغى قاتارلىق كېسەللىكلەرگە زىيان قىلىدۇ.