قېتىق بولسا كالا سۈتىنى دېزىنفېكسىيە قىلىپ بەلگىلىك مىقداردىكى سۈتكە ئېچىتقۇ ئارىلاشتۇرۇپ ياسىلىدۇ. سۈت ئېچىتىلغاندىن كېيىن، سۈت تەركىبىدىكى ئاقسىل ئۇيۇپ، سۈت شېكەرلىرى پارچىلىنىپ، گالاكتوزا ياكى گلۇكوزىنى ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىل ئۆزگىرىشلەر ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىشىنى ياخشىلايدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قېتىقنىڭ تەركىبىدە بىر ئاز ئانتىبىئوتىك بولۇپ، ئۈچەيدىكى زىيانلىق كېسەللەندۈرگۈچى باكتېرىيىلەرنى چەكلەش، تىزگىنلەش تەسىرىگە ئىگە بولۇپ، كېسەلدىن مۇداپىئە كۆرۈش رولىنى ئوينايدۇ. يەنە، قېتىق تەركىبىدىكى سۈت ئېچىتقۇ باكتېرىيىسىدە ئۈچەي يولىدىكى خىلمۇخىل ئادەم بەدىنىدىكى زۆرۈر بولغان ئامىنو كىسلاتاسى بار. شۇڭا قېتىق ھامىلىدار ئاياللارنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئوزۇقلۇقى بولۇپ، خاتىرجەم ھالدا ئىستېمال قىلسا بولىدۇ.
|