بىز تۆۋەندە بىر نەچچە يەرلىك رېتسېپنى تونۇشتۇرىمىز:
1_سېرىق ھېلىلە پوستى بىلەن بادام مېغىزىنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ،ئۇنى ئۈچ ھەسسە ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ كۈندە ئۈچ قېتىم ،يەتتە گرامدىن كۈندە تاماقتىن كىيىن ئىستېمال قىلىش كېرەك.
2_مەلۇم مىقداردىكى ئەمەننى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ تاماقتىن كىيىن ئۈچ گرامدىن بەش گرامغىچە ئىستېمال قىلىپ بېرىش كېرەك.
3_ھەسەل بىلەن ئۈزۈم سىركىسىنى تەڭ مىقداردا ئېلىپ .يەڭگىل ئوتتا بىرلا ئۆرلىتىپ ،كۆپۈكىنى ئېلىۋېتىپ،ئۈچ قوشۇقتىن بەش قۇشۇققىچە كۈندە ئۈچ ۋاق ئىستېمال قىلىش كېرەك.
4_مەلۇم مىقداردىكى سوقا چىلاننى 10 ھەسسە سۇدا قاينىتىپ سۇ يېرىم قالغاندا چىلاننى سۈزۈۋېتىپ ،قەنت سېلىپ ئېرىتىپ كۈندە ئۈچ قېتىم ئىچىپ بېرىش كېرەك.
5_ياۋا جىگدىنى قايناق سۇدا دەملەپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىپ بېرىش كېرەك.