1. كۆزىڭىز قىچىشىپ تېلىپ ئاغرىسا،قىزىرىپ قالسا، بۇ رىئاكسىيە خاراكتىرلىك كۆز بىرىكتۈرگۈچى پەردە ياللۇغى بولۇپ، رىئاكسىيە قايتۇرغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىش لازىم. يەللىك يېمەك- ئىچمەك، لازا- ئاچچىقسۇدىن پەرھىز تۇتۇش لازىم.
2. ئەگەر كۆزىڭىزگە بىر نەرسە كىرىپ، قادىلىپ ئاغرىپ كەتسە، دەرھال سوغۇق سۇدا يۇيىۋېتىشىڭىز كېرەك.
3. ئەگەر كۆزىڭىز چىڭقىلىپ ئاغرىش بىلەن باش ئاغرىش بىللە كەلسە، كۆز ئالدىدا ھەسەن- ھۈسەن پەيدا بولسا، كۆڭلى ئېلىشىپ قۇسۇش ئالامەتلىرى يۈز بەرسە، دەرھال كۆز دوختۇرخانىغا بېرىپ كۆز بېسىمىنى تەكشۈرتۈڭ.
4. ياش- ئۆسمۈرلەرنىڭ يېقىننى كۆرۈش كېسەللىكلىرى، ئېرىسىيەت ۋە كۆزنى نا مۇۋاپىق ئىشلىتىش سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدۇ.بۇنداق كېسەللىك بايقالسا، ھېچقانداق ئىككىلەنمەي كۆز ئەينەك تاقاڭ.كۆز ئەينەك ئەڭ خەتەرسىز بولغان داۋالاش ئۇسۇلىدۇر.
5. يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ كۆزىدىن سېرىق چاپاق چىقسا، دەرھال دوختۇرخانىغا بېرىپ تەكشۈرتۈپ داۋالاش زۆرۈر. ئۇنداق بولمايدىكەن، كۆز مۈڭگۈز پەردىسىدە مەڭگۈلۈك ئاق تارتۇق قېلىپ، كۆرۈش قۇۋۋىتى مەڭگۈ ئەسلىگە كەلمەسلىكتەك يامان ئاقىۋەت يۈز بېرىش ئىمكانىيتى ناھايتى يۇقىرى.