پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • ئەڭ ياخشىسى تويدىن بۇرۇن سىناپ بېقىڭ
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • قىزلار توي قىلغاندىن كىيىن ئەرلىرىدىن رازى بولامدۇ؟
  • يىگەنسىرى ئورۇقلايدىغان يىمەكلىكلەر
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • سزنى سۆيىدىغان ئەر مۇنداق بولىدىكەن
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • ئەرلەر زەنجىۋىلدىن ئاياللار شىكەردىن ئايرىلماڭلار
  • چاچ ۋە خاراكتېر
  • ئەرلەرنىڭ قەدىرلىشىگە ئەرزىيدىغان ئاياللار
  • كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • تويدىن كىيىن دىققەت قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار
  • ئاياللارنىڭ ئەڭ چوڭ بايلىقى نېمە ؟
  • قېتىق ۋە سالامەتلىك
  • دائىم ئېرىڭىزگە ئەركىلەپ تۇرۇڭ
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئاياللار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك بىر قانچە نۇقتا
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  • ئاياللاردىكى ئەرلەردىن پەرىقلىنىدىغان ئىقتىدارلىرىنى بىلەمسىز؟ ...
  • سىز تۇرمۇشىڭىزدىكى بۇ ساۋاتلارنى بىلەمسىز؟
  • ئەرلەر 27ياشتا ،ئاياللار 25ياشتا توي قىلسا ئەڭ مۇۋاپىق
  •  
    رېماتىزىم خاراكتىرلىق پۇت - قول ، بۇغۇم ئاغرىقلىرىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
    يوللىغان ۋاقىت:2010-08-23 ئاۋاتلىقى:121
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

     1) ئالتە يېرىم سەر چىغىرتماق يىلتىزى ، ئالتە يېرىم سەر قاغا تامغىقى يىلتىزى ، ئۇنىڭ چېچىكىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، بۇدۇشقاق ئۇرۇقىدىن ئالتە يېرىم سەر ، ئادراسمان ئۇرۇقىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال ، قاراقىياق يىلتىزىدىن ئالتە يېرىم مىسقالنى ئۈچ چىنە سۇغا سېلىپ قاينىتىپ ، ئىككى چىنە سۈيى قالغاندا قازاننى چۈشۈرۈپ تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، قاپاق ئۇرۇقىنىڭ تالقىنىدىن بىر سەر يەتتە يېرىم مىسقال سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارئەھۋالغا قاراپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل بوغۇم ، پۇت ئاغرىقلىرىنى پەسەيتىش ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
        2) قوي ياكى كالىنىڭ ئۆتىنى قۇرۇتۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ، ھەر قېتىمدا ماياقتەكتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك پۇت ئاغرىقى ۋە ئىششىقنى ياخشىلاشتا ئۈنۈمى كۆرۈلىدۇ .
        3) توغراقنىڭ ساقىپ چىققان سۈيىدىن ئالتە يېرىم سەر ، كونا قىچا ئۇرۇقى تالقىنىدىن ئۈچ سەر ، توخۇ تۇخۇمى سېرىقىدىن ئۈچ دانىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئاغرىق ۋە ئىششىق پۇتنىڭ سىرتىدىن ئىككى كۈندە بىر قېتىم چېپىشنى داۋاملاشتۇرسا ، ئاغرىقنى تەدرىجىي پەسەيتىپ ياخشىلاش ، ئىششىقنى ياندۇرۇشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .
        4) ئالتە يېرىم سەر جۇۋىنە ئۆسۈملۈكى ياكى ئۈچ سەر ئۇرۇقىنى پاكىزلاپ ، ئۈچ چىنە سۇدا ئىككى چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى ئىككى قات داكىدىن ئۈچ قېتىم ئۆتكۈزۈپ ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، رېماتىزم خاراكتېرلىك بوغۇم ئاغرىقى ، بوغۇم ئىششىقى ۋە پالەچلىكنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .
     5) بۇدۇشقاق ، چىغىرتماق ، چېقىرتىكەن يىلتىزىدىن بىر سەردىن ، سېرىق ئوت ( زىغىرلىقتىكى سېرىق ئوت ) تىن بەش مىسقال ، شاھتەرەدىن بەش مىسقال ، قاغا تامغىقىدىن يەتتە مىسقالنى پاكىز يۇيۇپ ، تۆت چىنە سۇدا ئۈچ چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكا بىلەن تەكرار سۈزۈپ شېشىگە قاچىلاپ ، چوڭ كىشىلەرگە كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئۈچ قوشۇقتىن ، كىچىك بالىلارغا مۇۋاپىق مىقداردا بېرىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ئاغرىقىنى تەدرىجىي ياخشىلاپ ، يەللەرنى تارقىتىپ ، سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتەك تەسىرى كۆرۈلىدۇ .
        6) ئالتە سېرىق ئەمەننى بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ، تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ، سۈيىنى داكىدا ئۈچ قېتىم سۈزۈپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قېتىم ، ھەر قېتىمدا ئىككى قوشۇقتىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قولنىڭ بوغۇم ئاغرىقىنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .
        7) سۆرۈنجان بىلەن ناۋاتنى باراۋەر مىقداردا ئېلىپ تالقانلاپ ، چوڭ كىشىلەر سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن كۈندە بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە بوغۇم ئاغرىقلىرىنىڭ ھەممە خىللىرىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .
        8) تەرخەمەك ، قاپاق ، ھەمشىۋانەلەردىن باراۋەر مىقداردا ئېلىپ ، ھۆل بولسا سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ، قۇرۇق بولسا مەلۇم مىقداردىكى سۇدا قاينىتىپ تىرىپلىرىنى ئېلىۋېتىپ سۈزۈپ ، سۈيىنى قىزىتىپ ، ئاغرىغان پۇت - قولنىڭ سىرتىدىن ھەر كۈنى بىر قېتىم چېپىشنى داۋام قىلسا ، قىزىتىپ ئاغرىشنى پەسەيتىدۇ .
        9) سۆرۈنجاننى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تالقانلاپ ، چوڭلار سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئىككى مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە ئۇستىخاننىڭ قىزىپ ئاغرىشنى ، ئىششىقىنى ياخشىلاشتا ئەمەلىي ئۈنۈم بېرىدۇ .
        10) ئۈچ مىسقال يۇمغاقسۈتنى باراۋەر مىقداردىكى شېكەر بىلەن قوشۇپ تالقانلاپ ، سوغۇق قايناق سۇ بىلەن ھەر كۈنى بىر قېتىم ئۈچ مىسقالدىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ، پۇت - قول ۋە ئۇستىخان قىزىپ ئاغرىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بېرىدۇ .

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备09005194号 增值电信业务经营许可证 新B2-20050027号
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن- ئېلان ئالاقە ۋە ھەمكارلىق: 15999163133 13139888848 تور بېكەت مەزمۇن باشقۇرغۇچىسى :18999105493 ئىشخانا : 2922567 -0991
    شىركىتىمىز بىلەن قانۇنلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋەت ئورنۇتۇپ ياخشى ئىقتىسادىي قىممەتكە ئېرىشمەكچى بولسىڭىز بىز بىلەن ئالاقىلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.
    互联网电子公告(BBS)服务资质       移动网信息服务业务资质
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ