ئادەم بەدىنىدە دانىخورەك پەيدا بۇلۇشنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى نىمە؟
ئۇنى قانداق ساقايتقىلى بۇلىدۇ؟
بۇ ھەقتە سەمىمى مەسلىھەت بەرسەڭلار؟
تېۋىپ مەسلىھەتى :دانىخورەك __ ياشلاردا كۆپ كۆرۇلدىغان تېرە كىسەللىكى. ياشلىق دەۋرىدە ئادەم تىنىدىكى جىنسى ھورمۇنلار ئەڭ جانلىق بولىدۇ. بۇ تەبىئىلام تېرە ماي بەزلىرىنىڭ تولۇق يىتىلىشىنى ئىلگىرى سۇرۇپ ، تېرە مايلىرىنىڭ ئاجرىلىشىنى كۆپەيتىۋېتىدۇ. تېرە مايلىرى تۇك خالتىسىنىڭ ئىچىدە توپلۇشۇپ ، تېرىدە گۈرۇچتەك چوڭلۇقتا ھۈررەك پەيدا قىلىدۇ ؛ بۇنى سىققاندا ئاق رەڭلىك ماددا چىقىدۇ. مانا بۇ «دانىخورەك » تۇر.
دانىخورەك قىزلارغا قارىغاندا ئوغۇللارغا كۆپرەك چىقىدۇ ؛ لىكىن «دانىخورەك »نى ھەرگىز سىقماسلىق لازىم. ئۇنى دايىم سىققاندا ، تۈك تۆشۇكچىلىرى كېڭىيىپ كىتىدۇ، بەزىدە تىرە زىدە بولۇپ تاتۇق پەيدا بولۇپ قالىدۇ؛ شۇڭا يۇزنى دايىم ئىسسىق سۇ ۋە كىر سوپۇنى بىلەن يۇيۇپ ، تىرىنىڭ سىرىتقى يۇزىدىكى ئارتۇق مايلارنى ۋە چاڭ - توزاڭلارنى چىقىرۋېتىش ، تۈك خالتىسىنىڭ راۋان بولىشىنى كاپالەتلەندۇرۇش ، ماي تەركىۋى كۆپ بولغان پەرداز بۇيۇملىرىنى ئىشلەتمەسلىك لازىم. يىمەك- ئىچمەك جەھەتتە، مايلىق ۋە تاتلىق يېمەكلىكلەرنى ئازراق ئىستىمال قىلىش ، شاكىلات ، خۇاسىڭ قاتارلىقلارنىمۇ يىمەسلىك ، غىدىقلىغۇچى ئاچچىق - چۇچۇك يىمەكلىكلەرنى ئىستىمال قىلىشتىن ساقلىنىش ، كۆكتات ۋە مېۋە - چىۋىلەرنى كۆپ ئىستىمال قىلىش ؛ چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بولىشىغا كاپالەتلىك قىلىش لازىم .