تاۋۇز تونۇش: بۇ كاۋا ئائىلىسىدىكى بىر يىللىق سامان غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، پېلەك تاشلاپ ئۆسىدۇ؛ يوپۇرمىقى پەيسىمان يېيىلىدۇ؛ گۈلى سۇس سېرىق؛ مېۋىسى چوڭ تىپتىكى شىرنمىلىك مېۋە بولۇپ، شار ياكى ئېللىپس شەكلىدە كېلىدۇ، سۇ مىقدارى كۆپ، تەمى تاتلىق بولىدۇ. دورىلىق قىسمى: دورىغا بۇ ئۆسۈملۈكنىڭ شۆپۈكى، شاپىقىنىڭ ئېقى، شورى ۋە ئۇرۇقى ئىشلىتىلىدۇ. يىغىپ تەييارلاش: بۇ ئۆسۈملۈك پىشقاندا مېۋىسىنىڭ ئەڭ سىرتىدىكى قاتتىق پوستىنى سويۇۋېلىپ، ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ، تاۋۇز شۆپۈكى؛ شاپىقىنىڭ سىرتىدىكى قاتتىق شۆپۈكى بىلەن ئىچىدىكى قىزىل يۇمشاق قىسمىنى ئېلىۋېتىپ تاسمىدەك تىلىپ، تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقى؛ قىروۋ چۈشكەندىن كېيىن خامراق مېۋىسىگە چاقماق ئۇرۇپ بىر قىسىم گۆشىنى چىقىرىۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا سۇسىز شور تولدۇرۇپ، چاقماق ئۇرۇلغان ئورنىنى شاپىقى بىلەن بېكىتىپ قويۇپ، سىرتىغا ئاق شور تېپىپ چىققىچە ئېسىپ شامالدا قۇرۇتۇپ، بۇ ئاق شورنى قىرىۋېلىپ تاۋۇز شورى؛ پىچىپ قىزىل ئېتىدىن ئۇرۇقىنى ئايرىۋېلىپ ئاپتاپتا قۇرۇتۇپ تەييارلىنىدۇ. دورىغا ھۆل ھالەتتىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. تەبىئىتى: ھۆل سوغۇق. ئۆسۈش ئورنى: ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. خۇسۇسىيىتى: سەپرا ۋە قاننىڭ ئۆتكۈرلۈكىنى پەسەيتىش، ئۇسسۇزلۇقنى بېسىش، قىزىتمىنى پەسەيتىش، سۈيدۈك ھەيدەش، قاننى سۇيۇلدۇرۇش، بەدەننى سەمرىتىش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە.ئىشلىتىش مىقدارى ئەھۋالغا قاراپ 10 ~ 30 گرام ئەتراپىدا ئىشلىتىلىدۇ. تاۋۇز تەركىبلىك رېتسېپ تاۋۇز شۆپۈكى، كۆك كاۋا شۆپۈكى، ئاغىچىيۇغۇچ، جامكىنىڭ ھەر بىرىدىن 12 گرامدىن ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئۆتكۈر بۆرەك ياللۇغى، سۇلۇق ئىششىق ۋە سۈيدۈك تۇتۇلۇشقا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقىدىن مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ، دەملەپ چاي ئورنىدا ئىچىپ بەرسە، يۇقىرى قان بېسىمىغا مەنپەئەت قىلىدۇ. 70 گرام تاۋۇز شۆپىكىنى سۇدا قاينىتىپ ئۈچكە بۆلۈپ ئىچىپ بەرسە، بۆرەك ياللۇغىدىن بولغان سۇلۇق ئىششىققا مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇز شاپىقىنىڭ ئېقىدىن 35 گرام، يالپۇزدىن تۆت گرام ئېلىپ، سۇدا قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە، ئىسسىق ئۆتۈشكە مەنپەئەت قىلىدۇ. تاۋۇز شورى، زەمچە، مامرانچىن، دانىكارنىڭ ھەر بىرىدىن سەككىز گرامدىن ئېلىپ، يۇمشاق سوقۇپ، تالقان قىلىپ، تۇز سۈيى بىلەن ئېغىزنى چايقىۋەتكەندىن كېيىن، مۇۋاپىق مىقداردىكى تالقاننى كېكىردەككە پۈركۈپ بەرسە، يۇتقۇنچاق ۋە كېكىردەك ئىششىپ ئاغرىشقا مەنپەئەت قىلىدۇ
|