قۇلاق قىسىمغا ئىسسىق ئۆتكۈزۈش. كەچتە ئۇخلاشتىن بۇرۇن لوڭگىنى ئىسسىق سۇغا چىلاپ، ئىككى قۇلاققا يېقىپ ئىسسىق ئۆتكۈزۈش، بۇ ئۇسۇلنى كۈنىگە 3~2 قېتىم، 3~5 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇسا ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. سۇڭپىياز شىرنىسىدىن پايدىلىنىپ داۋالاش. سۇڭپىياز شىرنىسىغا چىلانغان پاختا ئوڭ - سول بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بېرىلسە، جىددىي ۋە ئاستا خاراكتېرلىك بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. سامساق ئارقىلىق داۋالاش. بىر تال پاكىز سامساقنى بۇرۇن تۆشۈكىگە پاتقىدەك قىلىپ كېسىۋېلىپ دورىلىق پاختا بىلەن ئوراپ كۈنىگە 4~3 قېتىم ئوڭ - سول بۇرۇن تۆشۈكىگە ئالماشتۇرۇپ تىقىپ بېرىلسە، بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ. قوغۇن شاپىقى تالقىنىنى سۈركەش. قوغۇن شاپىقىنى يۇيۇپ قۇرۇتقاندىن كېيىن ئېزىپ، كۈنىگە ئۈچ قېتىم بۇرۇننىڭ ئىچكى قىسمىغا سۈركەپ بېرىلسە، بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالىغىلى بولىدۇ.
|