ئادەم دائىم سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بېرىشكە ئادەتلەنسە،زوكامداپ قېلىش،كاناي ياللۇغلىنىش كېسىەللىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىپلا قالماستىن ،يەنە بىرخىل تېرە كېسەللىكىنى داۋالاشقىمۇ بەلگىلىك پايدىسى بار.
ئەڭ مۇھىمى،سەھەردە ئورنىمىزدىن تۇرغاندا بىر ئىستاكان سوۋۇتۇلغان قايناق سۇ ئىچىپ بەرسەك،ئىچكى ئەزالىرىمىزنىڭ زەھەرلىك ماددىلارنى چىقىرىپ تاشلاش ۋە جېگەرنىڭ تازلىنىش ئىقتىدارىنى كۈچەيتەلەيمىز.يەنە بەدىنىمىزنىڭ ماددا ئالمىشىش سۈرئىتىنى تىزلىتىپ،ئىممونىت كۈچىنى ئاشۇرالايمىز.بولۇپمۇ قان بېسىمىمىزنىڭ ئۆرلەپ كېتىشنى توسۇپ،يۈرەك مۇسكۇل تىقىلمىسى كېسىلىگە گىرىپتار بولۇشتىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.