1. سەرەڭگە گۇڭگۇرتىنى يۇنشاق ئېزىپ ، دېمېتىل سولفۇكسىدىن ئازراق تەڭشەپ مەلھەم تەييارلىغاندىن كېيىن ، ئاغرىق ئورنىنى سۇغا چىلاپ يۇمشىتىپ ، ئىتتىك پىچاقتا سىرتقى قاتتىق تېرىسىنى سويۇۋىتىپ ، تەييارلانغان مەلھەم بىلەن تېڭىپ ، سۇ تەككۈزمەي ئۈچ ياكى ئالتە كۈن تۇرغۇزسا ، پۈتۈنلەي ساقىيىپ كېتىدۇ .
2. گۈللۈك تەمرەتكىگە ئاخشىمى تالقان تۇز سۈركەپ بەرسە مەنپەئەت قىلىدۇ .(ئېچىشتۇرسىمۇ چىداش كىرەك )
3. ھۆل ئانار پوستىنى زەمچە تالقىنىغا تەككۈزۈپ ، تەمرەتكىگە ھەر كۈنى ئۈچ قېتىم سۈركىسە ئۈنۈمى تېز بولىدۇ .
4. رەۋەن تالقىنىنى چاي دېغى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ تەمرەتكىگە سۈركىسە شىپا بولىدۇ .