ئادەم كۈندىلىك تۇرمۇشتا بەزىدە شۇنچە ھېرىپ چارچاپ كەتسىمۇ ، يەنە بىر خىل ئىچكى سىقىلىشقا ئوخشاپ كىتىدىغان بىر خىل روھىي بېسىمنىڭ تەسىرىدە ئۇيقۇغا كىرىشكىل بولمايدىكەن . مۇتەخەسسىسلەر بۇ توغىرسىدا مەخسۇس تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ ، بۇ خىل تەتققات نەتىجىسىنىڭ ئۇيقۇسىزلىقنى تۈگىتىشكە ياردىمى زور ئىكەن .
تەتقىقاتچىلار تەشەببۇس قىلغان ئۇيقۇسىزلىقىن تۈگىتىش ئۇسۇللىرى :
1. ياخشى ئۇخلىيالمىغان ۋاقىتتا ئىلمان سۇغا پۇتىنى 3 مېنۇت ئەتراپىدا چىلىغان دىن بىر ئىستاكان سوۋىغان قايناق سۇ ئىېچىپ بەرسە بولىدىكەن .
2. ئەگەر بۇ خىل ئۇيقۇسىزلىق باش قېيىش ياكى باشقا ئالامەتلەر تۈپەيلىدىن بولسا ، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە بىر ئستاكان شەربەت سۈيى ياكى مەلۇم مىقداردىكى شىكەر سۈيىنى ئىچىپ بەرسە ئۈنۈمى ياخشى بولىدكەن .
3. ئامال بار بەك تويۇنۇپ تاماق يېمەسلىك كېرەك ئىكەن ، چۈنكى تاماقنى بەك كۆپ يىگەندە ئادەم كۆپ ئۇخلايدىغان بولۇپ قالسىمۇ ، ئەمما ئۇيقۇنىڭ سۈپىتى ياخشى بولمىغاچقا ، كېيىنكى كۈنلەردە ، ئۇيغۇرسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن .
4. ئەگەر زادى ئۇخلاشقا ئامال بولمىغاندا ، بىر تال ئالمىنى پاكىز يۇيىۋېتىپ يەپ بەرگەندە ، ئاسان ئۇيقۇغا كىرىشكلى بولىدىكەن .