ئامېرىكا ۋە ئىسپانىيىلىك ئالىملار يېقىندا ئۈچ ياشتىن سەككىز ياشقىچە بولغان 11 بالا ئارىسىدا تەكشۈرۈپ ئېلىپ باردى . ئۇلار بۇ بالىلارغا كۈندىلىك ھەرىكىتىنى خاتىرلەيدىغان ئەسۋابنى ئېسىپ قويدى . ئاندىن ئاتا – ئانىلاردىن بالىلىرىنىڭ بىر جايدا قوپماي ئولتۇرغان ۋاقتىنى سوراپ تۇردى ، يەنى بۇ بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرۈش ، ئېلېكتىرونلۇق ئويۇنچۇق ئويناش ، كومپىيۇتېر ئىشلىتىش ۋە رەسىم سىزىش ھەرىكەتلىرى قاتارلىقلار. تەتقىقاتچىلار بۇ بالىلارنىڭ بىر ئورۇندىن قوپماي ئولتۇرىدىغان ۋاقتىنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن باش سائەتتىن ئاشمايدىغانلىقى ھەمدە باشقا خاتىرلەنگەن ئەھۋالغا ئاساسەن ، ئاخىرىدا مۇنداق يەكۈن چىقاردى . بالىلارنىڭ تېلېۋىزور ئېكرانى ئالدىدا قوپماي ئولتۇرىدىغان ۋاقتى قانچە ئۇزاق بولسا ، ئۇلارنىڭ يۇقىرى قان بېسىم كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش ئېھتىماللىقى شۇنچە يۇقىرى بولىدۇ . dZHئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى
بۇ تەتقىقات دوكلاتىنى يازغان ئالىملار يەنە مۇنداق دېيىشتى : رەسىم سىزىش ياكى كومپىيۇتېر ئويناش قاتارلىق بىر ئورۇندىن ئۇزاققىچە قوپماي ئولتۇرىدىغان ئەھۋالنىڭ بالىلاردا قان بېسىمى ئۆرلەپ كېتىش مەسلىسىدىكى رولى ئانچە بولمايدىكەن ، قارىغاندا بۇنىڭغا بالىلارنىڭ تېلېۋىزور كۆرگەندە بەزى يۇقىرى ئېنېرگىيىلىك يېمەكلىكلەرنى يەيدىغانلىقىنى سەۋەب بولسا كېرەك . ئۇنىڭدىن باشقا ، ئۇزاققىچە تېلېۋىزور كۆرۈش يەنە بالىلارنىڭ ئۇيقۇ سۈپىتىگىمۇ تەسىر كۆرسىتىدۇ ، بۇمۇ قان بېسىمىنىڭ ئۆرلەپ كېتىش خەۋپىنى زور دەرىجىدە كۆپەيتىۋېتىدۇ . dZHئىزباسار ئۇنۋىرسال تورى